ئامېرىكا: «خىتايغا قارىتا ساياھەت چەكلىمىسى قويۇشنى مۇزاكىرە قىلدۇق»
2020.01.29
بىر قىسىم دۆلەتلەر خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە پارتلاپ، خىتاينىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تارقالغان «كورونا ۋىرۇسى» نىڭ تەھدىتىگە قارىتا بەزى تەدبىرلەرنى ئېلىشقا باشلىدى.
ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار خىتايغا قارىتا ساياھەت چەكلىمىسى قويۇشنى مۇزاكىرە قىلغان. ياۋروپا زىيارىتىگە چىققان ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو 29-يانۋار كۈنى مۇخبىرلارغا: «ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا پۇقرالىرىنى قوغداش ۋە يەرشارى خاراكتېرلىك خەۋپنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قولىدىن كېلىدىغان بارلىق چارىلەرنى قوللىنىۋاتقانلىقى» نى بىلدۈرگەن.
قازاقىستان بىلەن ئۆزبېكىستان پومپېيونىڭ بىر ھەپتىلىك بۇ زىيارىتىنىڭ ئاخىرقى بېكەتلىرىدۇر. ئۇ، 3 -فېۋرال ئۆزبېكىستانغا يېتىپ بېرىپ، ئامېرىكا بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى 5 دۆلەتنىڭ «1 پىلۇس» يىغىنىغا قاتنىشىدۇ. فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مايك پومپېيو ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خەتەرنى مۆلچەرلەۋاتقانلىقى، بۇنىڭدا «خىتايغا قارىتا ساياھەت چەكلىمىسى قويۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. لېكىن، ئۇ يەنە بۇ ۋەقەگە چېكىدىن ئاشۇرۇپ ئىنكاس قايتۇرۇشنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بىز بۇ ئىشقا ئۇنى ياخشىلىمايدىغان، بەلكى تېخىمۇ يامانلاشتۇرۇۋېتىدىغان بىر شەكىلدە ئىنكاس قايتۇرۇشنى خالىمايمىز» دېگەن.
ئەنگلىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى 28-يانۋار كۈنى خىتايغا ئۇچىدىغان ياكى خىتايدىن ئۇچىدىغان بارلىق يولۇچىلار قاتنىشىنى توختاتقانلىقىنى جاكارلىغان. فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، پرېزىدېنت ترامپنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى روبېرت ئوبرايىن برىتانىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ قارارىغا «دىققەت قىلىۋاتقانلىقى» نى بىلدۈرگەن. ئۇ برىتانىيە ھاۋا يوللىرىنىڭ قارارىغا باھا بېرىپ: «بۇ ھېچ بولمىسا برىتانىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ قانداق تۇيغۇدا بولۇۋاتقانلىقىنى ئېنىق ئىپادىلەيدۇ» دېگەن. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، نۆۋەتتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى «ۋەزىيەتنى يېقىندىن كۆزەتمەكتە ۋە ئامېرىكا ھاۋا يوللىرى شىركەتلىرى بىلەن ھەمكارلاشماقتا» ئىكەن.
فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە، قازاقىستان خىتاي بىلەن بولغان قۇرۇقلۇق ۋە ھاۋا قاتنىشى ۋە شۇنداقلا خىتاي پۇقرالىرىغا ۋىزا بېرىشنى توختاتقان. بۇنىڭ ئالدىدا موڭغۇلىيە خىتاي بىلەن بولغان چېگرانى تاقىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.









