ئامېرىكالىق تەتقىقاتچىلار خىتاي دۇچ كېلىدىغان 5 خىل خىرىسنى ئوتتۇرىغا قويدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017.11.15

ئامېرىكالىق ئىككى تەتقىقاتچى سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكانىڭ «مىللىي مەنپەئەت» ناملىق تور ژۇرنىلىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ باش كۆتۈرۈشى 5 خىل ئامىلنىڭ خىرىسىغا دۇچ كېلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

«ئاتلاس» تەشكىلاتنىڭ قۇرغۇچىسى، دوكتور جوناتان ۋارد بىلەن ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە ئوفىتسېرى رېد سىمونس تەرىپىدىن يېزىلغان ماقالىدا قەيت قىلىشىچە، خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى خېلى ئاشقان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ يۇقىرى رەھبەرلىك قاتلىمىدىكى شەخسلەرنىڭ كاللىسىنى قوچۇۋاتقان نۇرغۇن مەسىلىلەر مەۋجۇت ئىكەن.

جوناتان ۋارد ۋە رېد سىمونس «خىتاينىڭ باش كۆتۈرۈشىگە خىرىس قىلىدىغان 5 ئامىل» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدە، ئۇنىڭ جەنۇبىي دېڭىز، جىبۇتىدىكى ھەربىي بازىسى، قەشقەر-گۋادار كارىدورى قاتارلىق قۇرۇلۇشلىرىدىكى پايدىسىز گېئو-ئىستىراتېگىيەلىك شارائىت، ئامېرىكانىڭ خىتاينىڭ ئەتراپىنى باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقىنى ئارقىلىق قورشىۋېلىشى ياكى ئىقتىسادى ئۆچ ئېلىشى، ئامېرىكا، ياپونىيەلەرنىڭ يېڭى باش كۆتۈرۈۋاتقان ھىندونېزىيە، ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەر بىرلىشىشى، ئىچكى مۇقىمسىزلىق ۋە ئۇيغۇر، تىبەت، تەيۋەن، خوڭكوڭلارنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكىتى، ئىقتىسادى مۇقىمسىزلىق قاتارلىق 5 ئامىلنىڭ خىرىسىغا ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

جوناتان ۋارد ۋە رېد سىمونس ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تەسىرى ھەققىدە مۇنداق دېگەن: «شىنجاڭدا ئىچكى-تاشقى بىخەتەرلىك بىر-بىرىگە باغلىنىپ تۇرىدۇ.

خىتاينىڭ ھىندى ئوكيان ۋە ئۇنىڭ ئېنېرگىيە بازىلىرىغا چىقىشتىكى ئاساسلىق يولى بولغان پاكىستان-خىتاي ئىقتىسادى كارىدورى يالغۇز پاكىستاننىڭ تايانچ نۇقتىسى بولۇپلا قالماي، ئۇ يەنە خىتاينىڭ شىنجاڭنى كونترول قىلىشىنىڭ تايانچ نۇقتىسىدۇر. گەرچە تىبەت ۋە شىنجاڭغا زور كۆلەمدە خىتاي كۆچمەنلەر كۆچۈرۈلۈپ چىققان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ يېرىمىنى ئىگىلەيدىغان غەربىدە ئاران 6% نوپۇسى ياشايدۇ.» جوناتانا ۋارد ۋە رېد سىمونس ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا، خىتاينىڭ باش كۆتۈرۈشى دۇنيانىڭ كۈچلەر تەڭپۇڭلۇقىدا ئۆزگىرىش ياسىغان بولسىمۇ، بىراق خىتايغا قارشى دۆلەتلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپىيىدىغانلىقى، شى جىنپىڭنىڭ «جۇڭگو چۈشى» دېگەن سۆزىنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ چۈشىنىشكە باشلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.