كەلگۈسى 3 يىلدا خىتاي ئۆلكىلىرىگە بېرىپ ئىشلەيدىغان ئۇيغۇر ئىشلەمچىلەر 50 مىڭغا يەتكۈزۈلىدۇ

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2015.01.23

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئىشلەمچىلەرنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئۆلكىلەرگە يۆتكەش پىلانىنى بۇ يىلدىن باشلاپ يەنە كۈچەيتىلىدىكەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق نازارىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، دائىرىلەر بۇ يىل ئىشلەمچىلەرنى 15 مىڭغا يەتكۈزۈشنى، كەلگۈسى 3 يىلدا 50 مىڭغا چىقىرىپ، شۇنىڭدىن كېيىن ھەر يىلى داۋاملىق بۇ ساننى ساقلاپ قېلىشنى پىلانلىغان.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىشلەمچىلەرنى ئىچكىرىگە يۆتكەش پىلانى 2009‏-يىلى «5‏-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن بىر مەھەل ئاستىلاپ، 2014‏-يىلى ئاز كەم 7 مىڭغا چۈشۈپ قالغان. خىتاينىڭ مەزكۇر سىياسىتى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن «ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى» نىڭ پارچىسى، دەپ تەنقىد قىلىنغان ئىدى.

بىراق، دائىرىلەر ئۆتكەن يىلى ئىشلەمچىلەرنى يۆتكەشنى يەنە كۈچەيتىشكە باشلىغان.

بەزى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىشلەمچىلەرنى ئىچكىرىگە يۆتكەشنى كۈچەيتىشى، ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۈچىيىپ كېتىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.