خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى تەبىئىي پەن ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن سەنئەت كەسپى ئۈچۈن بەس-بەستە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشى دىققەت قوزغىماقتا
2016.02.22
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى كۆپلىگەن ئالىي مەكتەپلەر سەنئەت كەسپى ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلماقتىكەن.
18-فېۋرال كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2016-يىلى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى 32 ئالىي مەكتەپ ئۇيغۇر ئېلىدا نۇقتا تەسىس قىلىپ سەنئەت تۈرىدىن ئىمتىھان ئېلىشقا تەييارلانماقتىكەن.
ئەجەبلىنەرلىكى شۇكى، ئۇيغۇر ئېلىدىن نۆۋەتتە سەنئەت كەسپى ئۈچۈن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلماقچى بولغان خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىلگىرى سەنئەت ياكى مەدەنىيەت كەسىپلىرى تەسىس قىلىنمىغان تەبىئىي پەن ئۇنىۋېرسىتېتلىرى ئىكەن.
ئىلگىرىكى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتلىرى ياكى پېداگوگىكا خاراكتېرلىك ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن باشقا خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى نەچچە ئونلىغان تەبىئىي پەن ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنىڭ سەنئەت كەسپى ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.









