خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يۆتكەش پىلانى جىددىي يولغا قويۇلماقتا

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-05-14
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كەلگۈسى 3 يىل ئىچىدە جەنۇبىي ۋىلايەتلەردىكى 100 مىڭ ئۇيغۇرنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنىڭ جىددىي ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى.

13‏-ماي كۈنى ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىدىن 50 نەپەر ئۇيغۇر ياش خىتاينىڭ جېجياڭ ئۆلكىسىگە قاراپ يولغا چىققان. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بەرگەن بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، ئۇلارنىڭ خاڭجۇدا ئىشقا ئورۇنلىشىدىغانلىقى، بۇ ياشلارنىڭ ئاقسۇدىكى نامرات ئائىلىلەردىن تاللانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە بۇ ياشلار خىتاي مەركىزى كومىتېتنىڭ بۇ يىل 2‏-ئايدا چۈشۈرگەن «ئاز سانلىق مىللەتلەرنى تەشكىللىك ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئاساسلىق ئورۇنغا قويۇش ھەققىدىكى تەلىپى» گە بىنائەن يولغا سېلىنغان.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئۆتكەن يىلى كەلگۈسى 3 يىل ئىچىدە 100 مىڭ ئۇيغۇر ياشنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. لېكىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مەزكۇر پىلانى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان. ئۇلار، بۇنىڭ «غەرەزلىك بىر سىياسىي پىلان» ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ مەقسىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاكتىپ نوپۇسىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە تارقاقلاشتۇرۇپ، ئۇلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش، بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر رايونىدا خىتاي نوپۇسىنى مۇتلەق ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلىش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ كەلدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئاشكارىلىشىچە، ئۇيغۇر ياشلىرىنى خاڭجۇغا يۆتكەشنى جېجياڭ ئۆلكىلىك «شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قوماندانلىق شتابى» بىر تۇتاش پىلانلىغانئىكەن. خەۋەردە، مەزكۇر ئورگاننىڭ بۇ يىل ئاقسۇدىن جېجياڭغا 1500ئۇيغۇر ياشنى يۆتكەش پىلانى بارلىقى بىلدۈرۈلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى 2010‏-يىلدىن باشلاپ، ئۇيغۇر رايونىغا «نىشانلىق ياردەم بېرىش» پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مەزكۇر رايوننى خىتاينىڭ19 ئۆلكە ۋە شەھىرىگە بۆلۈپ بەرگەندە ئاقسۇ جېجياڭ ئۆلكىسى بۆلۈپ بېرىلگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت