خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر بالىلىرىنى خىتاي ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بويىچە تەربىيەلەۋاتقانلىقى تەنقىدكە ئۇچرىماقتا

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-02-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

يېقىندا رادىيومىز خىتايچە بۆلۈمى تارقاتقان بىر سىن كۆرۈنۈشىدە ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى مەلۇم ئۇيغۇر مەكتەپ بالىلىرىنىڭ خىتايچە جىڭجۈي تىياتىرى ئاھاڭىدا «مەن جۇڭگولۇق، مەن يەن-خۇاڭ ئەۋلادى، ئەجدىھانىڭ ئەۋلادى» دەپ ناخشا ئېيتىۋاتقان كۆرۈنۈشى تارقىتىلدى.

مەزكۇر كۆرۈنۈش چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچراپلا قالماي، خىتاي كۆزەتكۈچىلەرنىمۇ نارازى قىلدى. ئامېرىكادىكى تونۇلغان خىتاي زىيالىيسى، «بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىنىڭ مۇھەررىرى خۇ پىڭ ئەپەندى تۋىتتېر تورىدا بۇنىڭغا قارىتا: «ئۇيغۇرلار يەن-خۇاڭنىڭمۇ، ئەجدىھانىڭمۇ ئەۋلادى ئەمەس» دەپ ئىنكاس قايتۇرغان. يەنە بىر قىسىم خىتاي تورداشلارمۇ بۇنى «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرماقچى بولۇشى» ۋە «تولىمۇ قەبىھلىك» دەپ تەنقىد قىلغان.

ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر ئېلىدە ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرىنى ئىجرا قىلىپ كەلمەكتە. خۇ پىڭ ئەپەندى بۇ ھەقتە ئىلگىرى رادىيومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىگە قىلغان سۆزىدە: «ئەجدىھانىڭ ئەۋلادى»، «يەن-خۇاڭ ئەۋلادى» دېگەندەك سۆزلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە چوڭ خىتايچىلىقنى تەرغىب قىلىدىغان، جۈملىدىن خىتاي بولمىغان باشقا مىللەتلەرنى چەتكە قاقىدىغان تەشۋىقات ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، 2012-يىلى خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي بىرلىكسەپ بۆلۈمى تەرىپىدىن تۈزۈلگەن كىتابتا مانا بۇ مەسىلە ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ: «ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ھە دېسىلا يەن-خۇاڭ ئەۋلادى، ئەجدىھانىڭ ئەۋلادى دېگەن سۆزلەر ئىشلىتىلمەسلىكى كېرەك. بۇنداق قىلغاندا خىتايدىكى باشقا مىللەتلەرنىڭ ھېسسىياتىغا تەسىر يېتىدۇ،» دەپ يېزىلغان ئىكەن. بىراق، شى جىنپىڭ ھاكىمىيەتكە ئولتۇرغاندىن كېيىن ئۇ «چوڭ خىتايچىلىق» ئىدىيەسىنى قاتتىق كۈچەيتكەن.

رادىيومىز خىتاي بۆلۈمىنىڭ ئىگىلىشىچە، ئاقسۇ دائىرىلىرى ھازىر ئۇيغۇر بالىلىرىغا جىڭجۈي تىياتىرىنى مەجبۇرىي ئۆگىتىۋاتقان بولۇپ، يۈزدىن ئوشۇق ئۇيغۇر ئاتا-ئانا ئۆيىدە بالىلىرىغا جىڭجۈي ئېيتىشنى مەشىق قىلدۇرمىغانلىقى ئۈچۈن دائىرىلەر تەرىپىدىن جەرىمانە قويۇش جازاسىغا ئۇچرىغان.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2017-يىلىدىن بۇيان 800 مىڭدىن 2 مىليونغىچە ئۇيغۇرنى «قايتا تەربىيە لاگېرلىرى» غا قاماش ئارقىلىق ئۇلارغا مەجبۇرىي ھالدا خىتاي تىلى، مەدەنىيىتى ۋە جۇڭخۇا مىللىتى ئىدىيەسىنى سىڭدۈرۈۋاتقانلىقى، ئۇيغۇر تىلىدىكى مەدەنىي-مائارىپنى بىكار قىلىپ، دىنىي ۋە مىللىي ئۆرپ-ئادەت پائالىيەتلىرىگە چەكلىمە قويۇشى خەلقئارادا قاتتىق ئەيىبلەنمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت