خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر يەسلى بالىلىرىنىڭ تەربىيەسىنى كونترول قىلىشقا مەبلەغ سېلىشنى كۆپەيتتى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018.04.06

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى جەنۇبتىكى ئوقۇش يېشىغا توشمىغان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇنقى تەربىيەسىنى كونترول قىلىشقا مەبلەغ سېلىشنى يەنە كۆپەيتكەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 5‏-ئاپرېل ئاشكارىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ، قىزىلسۇ قاتارلىق ۋىلايەت، ئوبلاستلاردىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك مىللەت بالىلىرىنىڭ مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇنقى 3 يىللىق تەربىيەسىگە بۇ يىل بىر مىليارد 100 مىليون يۈەن ئاجراتقان.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2016‏-يىل-10‏-ئايدىن باشلاپ جەنۇبتىكى 3 ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنى مەركەز قىلىپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى يېزا-كەنتلەردە بالىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇنقى 3 يىللىق ھەقسىز مەجبۇرىي مائارىپ تەربىيەسىنى يولغا قويغان. لېكىن، بۇ يەسلىلەردىكى ئوقۇتۇش تۈزۈمى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ، ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلار ۋە تەشكىلاتلىرىنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچرىغان.

ئۇلار بۇ ھەقسىز يەسلىلەرنىڭ ئۇيغۇر بالىلىرىنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلدى. بۇ يەسلىلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، مەدەنىيىتى، تارىخىي، دىنىي ئېتىقادى، ئەدەبىياتى، ئۆرپ-ئادەتلىرىگە دائىر ھەرقانداق ئىپادە چەكلەنگەن بولۇپ، بالىلارنى ئومۇميۈزلۈك خىتاي تىلى، خىتاي مەدەنىيىتى، خىتاي ئۆرپ-ئادەتلىرى بويىچە تەربىيەلەش يولغا قويۇلغان ئىدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بايان قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى بۇ يىللىق ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلار مائارىپى تەربىيەسىگە ئاجرىتىلغان يۇقىرىقى پۇل يەسلىلەرنىڭ ھەقسىز ئوقۇتۇش، تاماق، كىتاب پۇلى، يەسلىلەرنىڭ رېمونت، ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ۋە باشقا چىقىملىرىغا ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن، بەزى كۆزەتكۈچىلەر، دائىرىلەرنىڭ بۇ يىللىق ھەقسىز يەسلى خىراجىتىنى كۆپەيتىشى، نۇرغۇن ئاتا-ئانىلارنىڭ «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» گە يىغىۋېلىنىپ، بالىلىرىنىڭ قارانچۇقسىز قېلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

ئۇلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، دائىرىلەر، نۇرغۇن يەسلىلەرنى يېتىپ-قوپىدىغان يەسلىلەرگە ئۆزگەرتىپ، قارانچۇقسىز قالغان بالىلارنى بۇ يەسلىلەردە تۇتۇپ تۇرماقتا ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.