ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بۇ يىل سېنتەبىردىن باشلاپ پۈتۈن دەرسلەر خىتايچە ئۆتۈلۈشكە باشلايدىكەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-07-02
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مەجبۇرىي مائارىپ باسقۇچىدىكى ئاز كەم 3 مىليون ئوقۇغۇچىغا «خىتاي تىلىدا ئۆلچەملىك سۆزلەش ۋە يېزىش» پروگراممىسىنى يولغا قويىدىكەن.

خىتايدا چىقىدىغان «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئۆتكەن جۈمە كۈنى «خىتاي مائارىپ گېزىتى» گە بەرگەن ئۇچۇرىدا بۇ سىياسەتنىڭ بۇ يىل سېنتەبىردە ئىجرا قىلىنىشقا باشلايدىغانلىقىنى، 9 يىللىق مەجبۇرىي مائارىپ باسقۇچىدىكى 2 مىليون 940 مىڭ ئوقۇغۇچىغا «خىتاي تىلىدا ئۆلچەملىك سۆزلەش ۋە يېزىش» ئۆگىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى 2017‏-يىلى 7‏-ئايدا ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، رايوندىكى بارلىق باشلانغۇچ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ باشقۇرۇش ۋە ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرىدا بىردەك خىتاي تىلى ئىشلىتىشنى ۋە ئۇيغۇر تىلىنى چەكلەشنى تەلەپ قىلغان. يەرلىك دائىرىلەر بۇنىڭغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ جازالىنىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ بۇ قارارى خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا ئۇچرىغان. ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ بۇ سىياسىتىنى «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» دەپ تەنقىدلىگەن ئىدى.

«يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىشىچە، 2017‏-يىلى مەجبۇرىي مائارىپ باسقۇچىدىكى 1 مىليون 880 مىڭ ئوقۇغۇچى ئورتاق خىتاي تىلى تەربىيەسى ئالغان. خىتاينىڭ پىلانى 2020‏-يىلغىچە رايوندىكى يەرلىك مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ «خىتاي تىلىدا ئۆلچەملىك سۆزلەش ۋە يېزىشى» نى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بولۇش ئىكەن.

دائىرىلەر مەزكۇر پىلاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن كۆپلەپ ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىشقا باشلىغان. يېقىندا يېڭىسار ناھىيەسى خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىش ئېلان چىقارغان ئىدى. گۇما ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسىمۇ 2‏-ئىيۇل كۈنى مەزكۇر ناھىيەگە خىتاي ئۆلكىلىرىدىن 570 نەپەر ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت