خىتاي دائىرىلىرى جەنۇبتىكى يېزا-كەنتلەردە ئۇيغۇرلارغا خىتاي مەدەنىيىتىنى سىڭدۈرۈش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-08-17
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىللىق يازلىق تەتىلدە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئىشقا سېلىپ، ئۇيغۇر رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى يېزا-كەنتلەردە يەرلىك ئاھالىلەرگە خىتاي مەدەنىيىتىنى سىڭدۈرۈش ھەرىكىتى ئېلىپ بارماقتا ئىكەن.

رايوندىكى يەرلىك خەۋەر مەنبەلىرىدە بۇ ھەرىكەتنىڭ نۇقتۇلىق ھالدا جەنۇبتىكى قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ ۋە قىزىلسۇنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 3 ۋىلايەت، بىر ئوبلاستا قانات يايدۇرۇلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. ھالبۇكى، يۇقىرىقى 3 ۋىلايەت بىر ئوبلاست ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى مۇتلەق كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان رايونلار ھېسابلىنىدۇ.

«يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ 16-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە ئىلگىرى سۈرۈشىچە، 7‏-ئاينىڭ باشلىرى باشلانغان بۇ پائالىيەت جەنۇبتىكى ۋىلايەت- ئوبلاستلارنىڭ بۇلۇڭ-پۇشقاقلىرىغىچە قانات يايدۇرۇلۇپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، خىتاينىڭ ئىسلاھات سىياسىتى ۋە ئەنئەنىۋى خىتاي مەدەنىيىتى» نى قوبۇل قىلىش قاتارلىق تېمىلاردا پائالىيەت ۋە لېكسىيەلەر ئورۇنلاشتۇرۇلغان. مەزكۇر پائالىيەت خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا 3 مىليوندەك كىشىنى يىغىۋېلىش لاگېرى ياكى «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» گە قاماپ، ئاتالمىش«ناتوغرا، ئاشقۇن ئىدىيەلەرنى تازىلاش» ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان مەزگىلدە يولغا قويۇلغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتى يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن ب د ت ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش كومىتېتىنىڭ يىغىنىدا تەنقىدكە ئۇچرىغان خىتاي ۋەكىللىرىنىڭ بۇنىڭغا چۈشەنچە بېرىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

«يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، بۇ پائالىيەتكە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن 200 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار 7‏-ئاينىڭ باشلىرىدىن ھازىرغىچە 500 مەيدان لېكسىيە ئورۇنلاشتۇرغان، 150 مىڭ ئاھالىگە لېكسىيە سۆزلىگەن. خەۋەردە مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى شيوڭ كۈنشىننىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، بۇ پائالىيەتنىڭ «مىللەتلەر ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىدىغانلىقى» تەكىتلەنگەن. لېكىن چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ پائالىيەت «خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى سىقىپ چىقىرىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا خىتاي ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلدۇرۇشتەك ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنىڭ بىر پارچىسى،» ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت