خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۈچ ۋىلايەت بىر ئوبلاستتا خىتاي تىلى ئوقۇتۇشىنى كۈچەيتىش كويىدا

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020.09.10

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ۋىلايەت-ئوبلاستلاردا خىتاي تىلى ئوقۇتۇشىنى كۈچەيتىش، جۈملىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىدىن يەنىمۇ كۆپ خىتاي ئوقۇتقۇچى يۆتكەش ئۈچۈن مەخسۇس ياردەم مەبلىغى ئاجراتقان.

«ئاقسۇ ئاخبارات تورى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يىل بېشىدا ئاقسۇ ۋىلايىتىگە چۈشۈرۈپ بەرگەن تەكلىپلىك ئوقۇتقۇچىلارنىڭ 95 مىليون 950 مىڭ يۈەن مائاش خاراكتېرلىك تولۇقلىما ياردەم مەبلىغى ئاساسىدا، كېيىنكى يېرىم يىلدىمۇ يەنە 95 مىليون 950 مىڭ يۈەن چۈشۈرگەن.

خەۋەردە بۇ مەبلەغنىڭ مەقسىتى ئېنىق قىلىپ: «جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ ئۆز ئالدىغا ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىش خىزمىتىنى داۋاملىق قوللاش، دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى (خىتاي تىلى) ئوقۇتقۇچىلىرى كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش» دەپ كۆرسەتكەن.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يالغۇز ئاقسۇ ۋىلايىتىگە چۈشۈرگەن مەبلىغىنىڭ بۇنچە يۇقىرى بولۇشى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ جەنۇبتا خىتاي تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە خىتاي ئوقۇتقۇچىلارنى يۆتكەشكە قاتتىق كۈچەۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

ئالدىنقى كۈنى «تەڭرىتاغ تورى» بىر خەۋەر تارقىتىپ، ئۇيغۇر رايونىدا «ئالاھىدە خىزمەت ئورنى پىلانى» بويىچە 2019-يىلغىچە 99 مىڭ 200 نەپەر ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىنغانلىقىنى، بۇلارنىڭ ئىچىدە 70 پىرسەنتىدىن كۆپرەكى يېزا-قىشلاقلاردىكى مەكتەپلەردە ئىشلەيدىغانلىقىنى ۋە نۆۋەتتە 2020-يىللىق ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىش خىزمىتىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى. خەۋەردە يەنە تەكلىپ قىلىنغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئاساسەن دېگۈدەك خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن خىتاي ئوقۇتقۇچىلار ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.