خىتاينىڭ ئاقسۇدىكى پارتىيە مەسئۇلى: «ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلار خىتاي تىلى مائارىپىنى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021-11-01
Share

خىتاينىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى پارتىيە مەسئۇلى، ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلارنىڭ بىردەك خىتاي تىلى مائارىپىدا تەربىيەلىنىۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان.

«ئاقسۇ گېزىتى» نىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارى جۇ لىنسېن، بۇ ئۇچۇرنى ئاقسۇدا قۇرۇلغان «دۆلەت ئورتاق تىلىنى كېڭەيتىش بازىسى» نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە ئېيتقان. خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى 7-ئايدىن باشلاپ ئۇيغۇر تىلىنى رايوننىڭ مائارىپ سىستېمىسىدا رەسمىي چەكلىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ب د ت ۋە ھەر خىل ئاخبارات يىغىنلىرىدا ئۇيغۇر تىلىنى قوغداۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ كەلگەن ئىدى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، جۇ لىنسېن ئاقسۇ ۋىلايىتى «شى جىنپىڭنىڭ تىل-يېزىق خىزمىتى توغرىسىدىكى يوليورۇقىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى قەتئىي تەۋرەنمەي كېڭەيتتى ۋە ئومۇملاشتۇردى. تۆت ياشتىن ئالتە ياشقىچە بولغان ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلارنىڭ ھەممىسى دۆلەت ئورتاق تىلى مائارىپىنى قوبۇل قىلدى» دېگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، «ھەر دەرىجىلىك ۋە تۈرلۈك مەكتەپلەر جەنۇبىي شىنجاڭ بويىچە دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى ئوقۇ-ئوقۇتۇشى بىلەن ئومۇمىييۈزلۈك قاپلاشنى باشلامچىلىق بىلەن ئىشقا ئاشۇرغان.»

ئۇ يەنە «دۆلەت ئورتاق تىلىنى كېڭەيتىش بىلەن جوڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى تارقىتىشنى بىرلەشتۈرۈپ، جوڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشكە پۇختا ئاساس سالغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇن بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇيغۇر تىلى، مەدەنىيىتى، دىنىي ئېتىقادى ۋە ئۆر-ئادەتلىرىنى «بۆلگۈنچىلىك» ۋە «ئاشقۇنلۇق» نىڭ ئىپادىسى، دەپ چەكلىگەن ئىدى. مەلۇم بولۇشىچە، ئاقسۇ مائارىپ ئىنىستىتۇتىدا تەسىس قىلىنغان «دۆلەت ئ‍ورتاق تىلى بازىسى» نىڭ ئوقۇتۇش لايىھەسى پۇتوڭخۇا مەشقى، خىتاي كلاسسىك ئەسەرلىرىنى دېكلىماتسىيە قىلىش قاتارلىق ئۈچ بۆلەككە بۆلۈنگەن ئىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت