جەنۇبىي فىلورىدا ئۇنىۋېرسىتېتى خىتاينى ئەيىبلەش ھەققىدە قارارنامە ماقۇللىدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020.04.23

ئامېرىكادىكى جەنۇبىي فىلورىدا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئوقۇغۇچىلار كېڭىشى بېلەت تاشلاش ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنى رەسمىي ئەيىبلىگەن.

جەنۇبىي فىلورىدا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تورىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ئەيىبنامىگە قارىغاندا، ئوقۇغۇچىلار كېڭىشى 20-ئاپرېل كۈنىدىكى خىتايغا قاراتقان ئەيىبنامىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭ ۋە ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزۈۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق ۋە سىياسىي ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى نەزەردە تۇتقان ئىكەن.

مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلار كېڭىشى تەرىپىدىن ماقۇللانغان قارارغا «خىتاي كىشىلىك ھوقۇق قارارى» دەپ نام بېرىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھاكىممۇتلەق تۈزۈمىنى ۋە بىر قاتار كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى ئەڭ ئېغىر رەۋىشتە ئەيىبلەش» تەكىتلەنگەن.

قاراردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تاجسىمان ۋىرۇستىن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانىنى ئەينەن ئېلان قىلماي، ستاتىستىكىلىق مەلۇماتلارنى ئەينەن دوكلات قىلمىغانلىقىنى، باشقا دۆلەتلەرنىڭ توغرا تەدبىر ئېلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىپ، پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ھاياتىنى خەۋپكە ئاتقانلىقى، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» نامىدا يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماپ تەقىبلىگەنلىكى، خوڭكوڭدىكى نامايىشچى ياشلارنىڭ ئورۇنلۇق تەلىپىنى رەت قىلىپ، ھەددىدىن زىيادە زورلۇق ۋاسىتىسى قوللانغانلىقىدەك مىساللار يەر ئالغان.

جەنۇبىي فىلورىدا ئۇنىۋېرسىتېتىدا چىقىرىلغان بۇ قارارنامىدە يەنە يېقىندىن بۇيان ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە زور ئىنكاس قوزغىغان ئافرىقالىقلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىمۇ تىلغا ئېلىنىپ، «خىتاي ھۆكۈمىتى جەمئىيەتتە قارا تەنلىكلەرگە ئاغزاكىي ۋە جىسمانىي ھالدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىرقىي كەمسىتىش ھەرىكىتىگە چەكلىمە قويماي، بەلكى ئۇنىڭغا يول ئېچىپ بېرىۋاتقانلىقى» تەنقىد قىلىنغان.

ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرى بۇ ھەقتىكى باياناتىدا گەرچە ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خىتاينى ئەيىبلەش قارارى زۇلۇمنى ئاياغلاشتۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ رول ئوينىمىسىمۇ بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە چاقىرىق قىلىش ۋە شۇنداقلا ئۇنىۋېرسىتېت ئەتراپىدىكى جامائەتنىڭ ئېڭىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق ئامېرىكالىقلاردا ئاممىۋى پىكىر پەيدا قىلىش رولى بارلىقىنى ئەسكەرتكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.