خىتاينىڭ كانادادىكى ئۆكتىچىلەرنى قورقۇتۇش ھەرىكىتى ھەققىدىكى دوكلات كانادا ھۆكۈمىتىگە يوللانغان

مۇخبىرىمىز جۈمە
2018-01-06
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ كانادا شۆبىسى قاتارلىق ئورگانلار خىتاينىڭ كانادادىكى ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىشىلىك پائالىيەتچىلىرىگە قارىتىلغان قورقۇتۇش ھەرىكىتى ھەققىدە بىر دوكلات تەييارلاپ كانادا ھۆكۈمىتىگە يوللىغان.

كانادادىن چىقىدىغان «مىللەت پوچتا گېزىتى» ( «ناتىئونال پوچتىسى» ) نىڭ 5-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، دوكلات مەزمۇنى قەتئىي مەخپىي بولۇپ، دوكلات بۇ يىلنىڭ بېشىدا كانادا ھۆكۈمىتىگە تاپشۇرۇلغان.

دوكلاتتا خىتاي ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ كانادادىكى سىياسىي ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىگە قاراتقان كەڭ كۆلەملىك تەھدىت سېلىش ھەرىكىتى تەپسىلىي بايان قىلىنغان. 

دوكلاتتا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ كانادادىكى پائالىيەتچىلەر ھەققىدە ئىنتېرنېت ئارقىلىق خاتا ئۇچۇر تارقىتىش ھەرىكىتىدىن باشلاپ، ئۇلارغا قاراتقان بىۋاسىتە تەھدىتلىرى خاتىرىلەنگەن. 

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، دوكلاتتا يەنە خىتاي دائىرىلىرى «5 خىل زەھەر» دەپ قارايدىغان ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، تەيۋەنلىكلەر ۋە فالۇنگوڭ مۇرىتلىرى يولۇققان تەھدىتلەر مىساللار بىلەن كۆرسىتىلگەن. 

خەۋەردە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى كانادا شۆبىسىنىڭ باش كاتىپى ئالېكس نەۋېنىڭ ئېيتقانلىرىدىن نەقىل ئېلىشىچە، پائالىيەتچىلەرگە قارىتىلغان ھۇجۇملار ئۇندا-مۇندا يۈز بېرىپ قالغان ھادىسە ئەمەس ئىكەن.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «بۇ تەھدىتلەردە بىر ئىزچىللىق بار. بىر چەتئەل ھۆكۈمىتىنىڭ كانادادا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئۇلىنى ئاكتىپلىق بىلەن كولىشى ئادەمنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىدىغان بىر مىسال.»

خەۋەردە ئۆز كىملىكىنى مەخپىي تۇتقان بىر خىتاي پائالىيەتچىنىڭ ئېيتقانلىرىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، ئۇ ئالدىنقى يىلى خىتايدىكى يۇرتىنى زىيارەت قىلغاندا خىتاي مەخپىي خادىملىرى ئۇنىڭ كەينىگە كىرىۋالغان ۋە ئۇ كاناداغا قايتىشىدا ئۇنىڭغا تەھدىت سېلىپ، بۇ ئىشلارنى ئاشكارىلىماسلىقنى، ئۆزى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھېزى بولۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان.

خىتاي دائىرىلىنىڭ يېقىنى يىللاردىن بېرى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغا ھەر خىل يوللار بىلەن تەھدىت سېلىشنى كۈچەيتكەنلىكى مەلۇم.

رادىئومىزغا زىيارەت بەرگۈچىلەر خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى يۇرتىدىكى تۇغقانلىرىنى گۆرۈگە ئېلىۋېلىش ئارقىلىق ئۇلارنى خىتايغا قايتىشقا، ياكى خىتايغا مايىل پىكىرلەردە بولۇشقا قىستىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت