كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى خىتاينىڭ «ئىنتېرپول» نى سۇيىئىستېمال قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018.02.01

بۈگۈن ئامېرىكىدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى - ئىنتېرپولنى سۇيىئىستېمال قىلىش مەسىلىسى ھەققىدە بىر پارچە دوكلات ئېلان قىلدى.

مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىنتېرپولنىڭ «قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى» نى سۇيىئىستېمال قىلىپ، ئۇنى چەتئەللەردىكى «چىرىكلىك» ۋە «پارىخورلۇق» گۇماندارلىرىنى تۇتۇپ ئەكېلىش، ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى تۇتقۇن قىلىش ۋە شۇنداقلا چەتئەللەردىكى ئۆكتىچى پائالىيەتچىلەرنىڭ پائالىيىتىگە توسقۇنلۇق قىلىش قاتارلىقلار ئۈچۈن قوللانغان ئىكەن. 

دوكلاتتا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ كەچمىشلىرى مىسال قىلىپ كۆرسىتىلگەن ۋە خىتاينىڭ ئىنتېرپولنىڭ نىزاملىرىغا خىلاپ ھالدا سىياسىي كۆرۈنۈشكە ئىگە «قىزىل سىگنال» ئۇقتۇرۇشى چىقىرىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەردىن بۇ كىشىلەرنى قولغا ئېلىشنى ۋە ئۆزلىرىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن. 

خىتاي تەلەپ قىلىپ چىقارغان ئىنتېرپول ئۇقتۇرۇشى سەۋەبلىك دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 2016‏-يىلى ھىندىستانغا بېرىپ، سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتىنىڭ مەركىزى دارىمسالادىكى بىر يىغىنغا قاتنىشىش سەپىرىدە، 2017 يىلى 6‏-ئايدا نيۇ-يوركتىكى ب د ت يىغىنىغا قاتنىشىش ئىشىدا ۋە ئۆتكەن يىلى 8‏-ئايدا ئىتالىيە پارلامېنتىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتنىشىش سەپىرىدە تۈرلۈك كاشىلىلارغا ئۇچرىغان ئىدى. 

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى-ئىنتېرپولنى ۋە ھەرقايسى چەتئەل ھۆكۈمەتلىرىنى خىتاينىڭ ئىنتېرپولنىڭ «قىزىل سىگنال» تۇتۇش بۇيرۇقىنى سۇيىئىستېمال قىلىشىغا قارشى تۇرۇشقا چاقىرغان. 

مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ چەتئەللەردىكى بىر قانچە «چىرىكلىك» گۇماندارلىرىدىن ئىگىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە ئىنتېرپولنىڭ تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان گۇماندارلارغا «كوللېكتىپ جازالاش» ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، بۇ گۇماندارلارنىڭ خىتايدىكى ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى تۇتقۇن قىلغان، ئىشتىن ھەيدىگەن ۋە بالىلىرىنى چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشتىن چەكلىگەن شۇنداقلا بۇ ئارقىلىق گۇماندارلارنى قايتىپ كېلىشكە قىستىغان ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.