ۋاشىنگتون پوچتىسى: «خىتاينىڭ ئامېرىكاغا سوزۇلغان دىكتاتورلۇق ئۇزۇن قولىنى توختىتىش تولىمۇ مۇھىم»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2022-05-09
Share

ئامېرىكانىڭ «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى 6-ماي تەھرىرات ماقالىسى ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئامېرىكادىكى ئ‍ۆكتىچى، ژۇرنالىست، پائالىيەتچى، تىجارەتچىلەر، شۇنىڭدەك ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرگە سوزۇلغان ئۇزۇن قولىنى توختىتىشنىڭ تولىمۇ مۇھىملىقىنى بىلدۈرگەن. «خىتاينىڭ ئامېرىكاغا سوزۇلغان دىكتاتورلۇق ئۇزۇن قولى» ناملىق تەھرىرات ماقالىسىدە ئېيتىلىشىچە، قانۇن بىلەن باشقۇرۇلىدىغان ھېچقانداق بىر دۆلەت خىتاينىڭ بۇنداق ئىغۋاگەرچىلىكىگە، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئامېرىكادا چوڭقۇر يىلتىز تارتقان گۇمناشتىلىرىغا يول قويماسلىقى كېرەك ئىكەن.

ماقالىدا، خىتاينىڭ دۆلەت ئىچىدە سۆز ئەركىنلىكىنى بوغۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆزىنىڭ ئاگېنتلىرىنى غەرب دۆلەتلىرىگە ئەۋەتىپ، سۆزلەشكە جۈرئەت قىلغانلارنى پاراكەندە قىلىش، قورقۇتۇش، نازارەت قىلىش، قاچۇرۇشتەك قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەنلىكى، بۇنىڭ گۆرۈگە تۇتۇپ خىتايغا قايتۇرۇپ كېتىش، خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى-ئىنتېرپولنى سۇيىئىستېمال قىلىش، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا بېسىم ئىشلىتىش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئا‍لىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ ئىنتېرپولغا سۇنغان قىزىل تاشلىق تۇتۇش بۇيرۇقى جىددىي ئارتقان بولۇپ، بۇ سىياسىي ئ‍ۆكتىچىلەرنى، تىجارەتچىلەرنى نىشان قىلىپلا قالماي، خىتاينىڭ باستۇرۇشىدىن قاچقان ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىمۇ نىشان قىلغانىكەن.

ماقالىدا، خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ يىل 3-ئايدا 5 كىشىنى جاۋابكارلىققا تارتىپ، ئۇلارنى خىتاي مەخپىي ساقچىسىغا ۋاكالىتەن «ئامېرىكا ئاھالىسىنى نازارەت قىلىش، پاراكەندىچىلىك ۋە جاسۇسلۇق قىلىش» بىلەن ئەيىبلىگەندىن كېيىن تېخىمۇ دىققەت قوزغىغانلىقى تەكىتلەنگەن. ماقالىدا ئېيتىلشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدا خىتاينىڭ دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى گەۋدىلەندۈرۈشى بۇ جەھەتتىكى ئ‍ىجابىي قەدەم بولۇپ، «مۇستەبىتلىكنىڭ مەھسۇلى بولغان بۇ سەت قىلمىشنىڭ قانۇنغا ھۆرمەت قىلىدىغان دېموكراتىك دۆلەتلەرگە تارقىلىشىنى توسۇش تولىمۇ مۇھىم» ئىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت