«مالىيە ۋاقتى گېزىتى» : خىتاينىڭ شېرىكلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىگە كۆز يۇمۇۋالماسلىق كېرەك

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018.08.29

لوندوندا چىقىدىغان «مالىيە ۋاقتى گېزىتى» تۈنۈگۈن، يەنى 27‏-ئاۋغۇست كۈنى باش ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقان دۆلەتلەرنى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ۋە تەقدىرىگە كۆز يۇمۇۋالماسلىققا دەۋەت قىلدى.

ئۆتكەن ئەسىردە دىكتاتور ھاكىمىيەتلەرنىڭ دۇنيادا بىر قاتار ۋەھشىيلىكلەرنى سادىر قىلغانلىقى ئەسكەرتىلگەن مەزكۇر باش ماقالىدا نۇرغۇنلىغان پاجىئەلەرگە ئەينى چاغدا باشقا دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەت تەمەسى بىلەن سۈكۈت قىلىشىنىڭ سەۋەب بولغانلىقى ئەسلىتىلدى. بۈگۈن دۇنيادا زور بىر تۈركۈم دۆلەتلەرنىڭ، بولۇپمۇ ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىگە سۈكۈت قىلىۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان باش ماقالىدا ئەگەر دۇنيا بۇ بىپەرۋالىقىنى داۋاملاشتۇرسا، ئۆتكەن ئەسىردىكى پاجىئەلەرنىڭ تەكرارلىنىش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

«مالىيە ۋاقتى گېزىتى» نىڭ تەھرىراتى بۇ باش ماقالىسىدە يەنە ھازىرغا قەدەر ب د ت ئىرقى كەمسىتىشنى تۈگىتىش كومىتېتى ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ لاگېردا ئىكەنلىكىنى خەلقئارا سەھنىدە ئوتتۇرىغا قويغانلىقى، ئەمما خىتاينىڭ بۇ مەسىلىنى تۈپتىن ئىنكار قىلغانلىقىنى بايان قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە غەرب ئەللىرىدىكى شىركەتلەرنى خىتاي ئۇيغۇر رايونىدىكى ۋەزىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرمىغۇچە خىتاي بىلەن تىجارەت قىلماسلىق، جۈملىدىن بىخەتەرلىك ساھەسىدە خىتايغا ماتېرىيال ۋە ئۈسكۈنە تەمىنلەشنى توختىتىشقا چاقىرغان.

ئالدىنقى ھەپتىلەردە «ۋاشىنگتون پوچتىسى» ۋە «نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى» قاتارلىق ئامېرىكىدىكى دۇنياۋى تەسىرگە ئىگە ئاخبارات ئورۇنلىرى ئارقا-ئارقىدىن باش ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار ۋەزىيىتىنىڭ جىددىيلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. بۇ قېتىم باش ماقالە ئېلان قىلغان «مالىيە ۋاقتى گېزىتى» مۇ غەرب دۇنياسىدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق تاراتقۇلارنىڭ بىرىدۇر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.