خىتاي تاجىكىستانغا بىر ئاليۇمىن زاۋۇتى قۇرۇشنى پىلان قىلغان

مۇخبىرىمىز جۈمە
2017-11-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلى بىلەن چېگرىلىنىدىغان تاجىكىستانغا زور مىقداردا مەبلەغ سېلىپ، بىر ئاليۇمىن زاۋۇتى قۇرۇشنى پىلان قىلغان.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 1 مىليارد 600 مىليون دوللار قىممىتىدىكى مەبلەغ تاجىكىستان دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى «تالكو ئاليۇمىن شىركىتى» گە سېلىنىدىكەن. 

مەزكۇر زاۋۇتنىڭ قۇرۇلۇشىنى خىتايدىكى يۈننەن قۇرۇلۇش ئىنژېنېرلىقى گۇرۇھى ئۈستىگە ئالىدىكەن. قۇرۇلۇش تاجىكىستاننىڭ غەربىدىكى تۇرسۇنزادە شەھىرىدە ئەسلى مەۋجۇت بولغان ئاليۇمىن پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىغا يېقىن بىر جايغا ياسىلىدىكەن. بۇ زاۋۇتنىڭ يىللىق ئىشلەپ چىقىرىش مىقدارى 500 مىڭ توننا بولۇپ زاۋۇت يەنە بىر يېرىم يىلدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىكەن. 

خەۋەرگە قارىغاندا، نۆۋەتتە تۇرسۇنزادە شەھىرىدە مەۋجۇت تالكو ئاليۇمىن زاۋۇتىنىڭ يىللىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىمۇ 500 مىڭ توننا بولۇپ، ئەمما توك يېتىشمەكلىك سەۋەبىدىن زاۋۇت بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 9 ئېيىدا پەقەت 76 مىڭ توننا ئاليۇمىن ئىشلەپ چىقارغان. 

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە يەنە، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى يېڭى قۇرۇلىدىغان ئاليۇمىن زاۋۇتى ۋە نۆۋەتتىكى توك يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بىر سۇ ئېلىكتۇر ئىستانسىسى سۇ توسمىسى ياساشقا باشلىغان. 

توسما قۇرۇلۇشى 2016-يىلى باشلانغان بولسىمۇ، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى 4 مىليارد دوللار كېتىدىغان بۇ قۇرۇلۇشنىڭ مەبلەغ مەسىلىسىنى تېخى تولۇق ھەل قىلىپ بولالمىغان. 

تاجىكىستان سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى جۇمھۇرىيەتلىرىدىن بىرى بولۇپ، ھازىرقى رۇسىيە فېدېراتسىيەسى بۇ دۆلەتنى ئۆزىنىڭ تەسىر دائىرىسىدىكى بىر رايون، دەپ قارايدىكەن. 

بارغانچە يېقىنلىشىۋاتقان خىتاي تاجىكىستان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تاجىكىستاننىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى، خىتاينىڭ بۇ دۆلەتتە كۈنسايىن كۈچىيىۋاتقان ئىقتىسادىي مەۋجۇتلۇقىغا رۇسىيەنىڭ قانداق ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس. 

تاجىكىستان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەر ۋىلايىتى بىلەن چېگرىلىنىدۇ.

«دىپلومات» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شۇ سەۋەبتىن خىتاي تاجىكىستاننىڭ مۇقىملىقى ۋە خەۋپسىزلىكىگە ئالاھىدە دىققەت بىلەن قارايدىكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، خىتاي ئەگەر تاجىكىستاندا بىرەر ئىچكى قالايمىقانچىلىق چىقىپ قالسا، بۇ تاجىكىستان بىلەن قوشنا بولغان ئۇيغۇر ئېلىگە چوقۇم تەسىر كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت