خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى غايەت زور بىخەتەرلىك سېلىنمىسى يۇقىرى تېخنىكا شىركەتلىرىنى زور پايدىغا ئېرىشتۈرگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-06-27
Share

خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىنى ساقچى دۆلىتىگە ئايلاندۇرۇشى ئۇنىڭ بىخەتەرلىك سېلىنمىسىنىڭ زىيادە كۆپىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، خىتاي تېخنىكا شىركەتلىرىنى غايەت زور پايدىغا ئىگە قىلغان. فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بىخەتەرلىك سېلىنمىسى 2017 ‏-يىلى ئاز كەم بىر ھەسسىدەك ئارتىپ، 58 مىليارد يۈەنگە يېتىپ بارغان بولۇپ، بۇ شۇ يىلى سالامەتلىك ئىشلىرىغا سەرپ قىلىنغان پۇلنىڭ 2 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن.

خەۋەردە گېرمانىيەنىڭ تەتقىقاتچى ئادريان زېنزنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، «مەزكۇر رايوننىڭ 2017‏-يىلدىكى ئىچكى بىخەتەرلىك سېلىنمىسى ئۇنىڭ 2007‏-يىلدىن 2012‏-يىلغىچە بولغان 6 يىللىق ئومۇمىي بىخەتەرلىك سېلىنمىسىغا توغرا كېلىدىغانلىقى» تەكىتلەنگەن. خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، بىخەتەرلىك سېلىنمىسىدىكى بۇ زور ئارتىشنى ئۇنىڭ مەزكۇر رايوندا تەقىبلەش ئاپپاراتلىرىنى، «تەربىيىلەش لاگېرلىرى» نى قۇرۇپ، يۈز تونۇش، كۆز تونۇش سىستېمىسى، د ن ئا ئەۋرىشكىلىرىنى يىغىشى، سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسىنى قوللىنىپ، رايوندىكى 20 نەچچە مىليون خەلقنى قاتتىق تەقىب قىلىشى كەلتۈرۈپ چىقارغانىكەن. خەۋەردە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرىقى ۋاسىتىلەرنى «ھېچقانداق يوچۇق، ھېچقانداق ئۆلۈك نۇقتا ياكى بوشلۇق» قويماسلىق ئۈچۈن قوللانغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، بۇنىڭدىن خىتاينىڭ خەيكاڭ تېخنىكا شىركىتى ئەڭ كۆپ پايدىغا ئېرىشكەن. 

خەۋەردە، مەزكۇر شىركەتنىڭ 2017‏-يىلى بىر مىليارد 850 مىليون دوللارلىق ئاز دېگەندە 5 خىل قۇرۇلۇش توختامىغا ئېرىشكەنلىكى، بۇ توختاملارنىڭ مەكتەپ، مەسچىت، ئىشخانا، كوچا ۋە يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا كۆزىتىش ئاپپاراتى ۋە «ۋىدىيولۇق نازارەت قىلىش سىستېمىسى» ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئالاقىدار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈلگەن. خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، خەيكاڭ شىركىتى 2017‏-يىلى قاراقاش ناھىيىسىنىڭ ئۆزىدىلا 309 مىليون يۈەنلىك قۇرۇلۇش توختامىغا ئېرىشكەن بولۇپ، قاراقاش ناھىيىسى نامرات ناھىيە بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئۆتكەن يىلقى بىخەتەرلىك سېلىنمىسى ئالدىنقى يىلقىدىن 380 % ئارتقان ۋە بۇ ئۇنىڭ يىللىق كىرىمىنىڭ 3 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن. ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر خەلقئارا جەمئىيەتنى ئۇيغۇر رايونىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىۋاتقان خىتاي شىركەتلىرىگە ئېمبارگو قويۇپ، ئۇلارنى جازالاشنى تەلەپ قىلىپ كەلدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت