ئۈرۈمچى شەھەر باشلىقى ئۇيغۇرلارنى خىتاي بىلەن «قانداشلىق باغلىنىشى بار» دېيىشى غۇلغۇلا قوزغىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-08-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى، شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى ياسىن سىدىق يېقىندا «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»دە ماقال ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىي مىللەت ئىكەنلىكىنى رەت قىلىشى ۋە ئۇلارنىڭ «خىتاي بىلەن قانداشلىق باغلىنىشى»بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشى غۇلغۇلا قوزغىدى.

ياسىن سىدىق ماقالىسىدە، «ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن تارتىپ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قانداشلىق باغلىنىشى بولغان بىر ئائىلە ئەزاسى. ئۇ تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئەۋلادى ئەمەس، تۈركلەر بىلەنمۇ ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق» دېگەن.

ئۇنىڭ مەزكۇر ماقالىسى چەتئەلدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىلىپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلاردا غۇلغۇلا پەيدا قىلدى. بەزى ئىنكاسلاردا ياسىن سىدىق قاتتىق تەنقىد قىلىنىپ، ئۇنىڭ سۆزى خىتاينىڭ «ئۇيغۇر كىملىكىنى ئىنكار قىلىش، ئۇلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش نىيىتىنىڭ ئېنىق ئىپادىسى» دېيىلگەن. خىتاي دائىرىلىرى 2016‏-يىلدىن بېرى كىشىلەرگە ماقالە ياكى ۋەدىنامىلارنى ئېلان قىلدۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىي خەلق ئىكەنلىكى، دىنىي ئېتىقادى ۋە تارىخىنى ئىنكار قىلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ نۆۋەت تۇنجى قېتىم ئۇلارنىڭ خىتايلار بىلەن قانداشلىق باغلىنىشى بارلىقىنى تىلغا ئېلىشىدۇر. ئۇنىڭ ماقالىسى يەنە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئۆز ئارا نىكاھلىنىشنى كۈچەپ تەرغىب قىلىۋاتقان بىر مەزگىلدە ئېلان قىلىنغان.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيەت كىملىكىنى ئىنكار قىلىشى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى زەربە بېرىش نىشانىغا ئايلاندۇرۇپ قويۇپ، مۇزىكا، نەققاشلىق، رەسسام، فولك، تارىخ، ئىنسانشۇناسلىق ۋە جەمئىيەتشۇناسلىق ساھەسىدىكى نۇرغۇن تەتقىقاتچىلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى ۋە يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ياسىن سىدىقنىڭ ماقالىسى 26‏-ئاۋغۇست كۈنى خىتاينىڭ «يەر شارى ۋاقتى» گېزىتىنىڭ ئىنگلىزچىسىدا خەۋەر قىلىندى. لېكىن، خەۋەردە ئۇنىڭ «ئۇيغۇرلارنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى بىلەن قانداشلىق باغلىنىشى بار» دېگەن سۆزى قىسقارتىلىپ، «ئۇيغۇر خەلقى جۇڭخۇا ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى» دەپ ئېلىنغان. «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى»نىڭ بۇ سۆزنى نېمە ئۈچۈن قىسقارتىۋەتكەنلىكى مەلۇم ئەمەس. لېكىن، بەزى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ سۆز خىتاينىڭ «ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى ئوچۇق-ئاشكارا ئىپادىلەپ بەرگەچكە چىقىرىۋېتىلگەن بولۇشى مۇمكىن.»

ياسىن سىدىق ماقالىسىدە يەنە ئۇيغۇرلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ: «بىز چوقۇم كۆزىمىزنى سۈرتىۋېتىشىمىز، راست بىلەن يالغاننى ئايرىشىمىز، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى بىلەن قانداشلىق باغلىنىشى بارلىقىنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىشىمىز كېرەك» دېگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت