ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى يېڭى سىياسىي تەدبىر - «ئوقۇش نۇقتىلىرى» نىڭ تەپسىلاتى ئاشكارىلانماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018.03.13

12-مارت كۈنى ئامېرىكىدىكى «دىئالوگ فوندى» ئۆزلىرىنىڭ تور بېتىدە ئۇيغۇرلار دىيارىدا ئىجرا بولۇۋاتقان يېڭى سىياسىي كونتروللۇق تەدبىرلىرىدىن «ئوقۇش نۇقتىلىرى» ھەمدە بۇنىڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەرنى تاشقى دۇنياغا ئاشكارىلىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇنىڭدا «ئەسەبىيلىك» ياكى «تېررورلۇق» قا چېتىلىپ قولغا ئېلىنغان مەھبۇسلار جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن ناۋادا «جەمئىيەت ئۈچۈن خەتەرلىك» دەپ قارالسا تۈرمىدىن چىقماي تۇرۇپلا يېڭىدىن «ئوقۇش نۇقتىلىرى» غا ئەۋەتىلىدىكەن. بۇ خىل ئورۇنلار 2016-يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ ئىجرا بولغان «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» نىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە كۆپلەپ تەسىس قىلىنماقتا ئىكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ ئەھۋالغا مىسال تەرىقىسىدە كۆرسىتىلگەن يەكەنلىك سابىق مەھبۇس ئىسمائىل روزى 2017-يىلى 30-ئاۋغۇست كۈنى، يەنى ئۇنىڭ «بۆلگۈنچىلىك» قىلمىشىغا بېرىلگەن 10 يىللىق جازا مۇددىتى توشۇپ، «شىنجاڭ 5-تۈرمىسى» دىن قويۇپ بېرىلىشىدىن 18 كۈنى ئىلگىرى مۇشۇنداق «ئوقۇش نۇقتىسى» غا بارىدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان. سوت ھۆججىتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىسمائىل روزى «جەمئىيەت ئۈچۈن داۋاملىق تەھدىت ھېسابلىنىۋاتقان شەخس» ئىكەن. چۈنكى ئۇ تۈرمىدىكى مەزگىلدە «جىنايىتىنى تونۇشنى رەت قىلغان، تەربىيەلەش ۋە ئۆزگەرتىشنى قوبۇل قىلمىغان، شۇنىڭدەك ئەسەبىيلىك ئىدىيەلىرىنىڭ چوڭقۇر چىرىتىشىگە ئۇچرىغان» ئىكەن. ئەمما سوت ھۆججىتىدە ئۇنىڭ «ئوقۇش نۇقتىسى» دا قانچىلىك ۋاقىت تۇرىدىغانلىقى ئېيتىلمىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خىل داۋاملىق «تەربىيەلەش» ئۇسۇلى خىتاينىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» بويىچە «يوللۇق» ھېسابلىنىدىكەن. ئەمما، ئۇيغۇرلار دىيارىدەك «ئەسەبىيلىك» ۋە «بۆلگۈنچىلىك» ھەرقاچان ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ چىقىدىغان رايوندا بۇ خىل «ئۆگىنىش نۇقتىلىرى» غا بارىدىغانلار ئاساسەن ئۇيغۇر مەھبۇسلار بولماقتا ئىكەن.

«تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» نىڭ 30-ماددىسىغا بىنائەن، ھەرقايسى ئۆلكە دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر بۇ قانۇننى بىۋاسىتە ئىجرا قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇپ، نۆۋەتتە ھەرقايسى جايلاردىكى «جەمئىيەت ئۈچۈن تەھدىت» دەپ قارىلىۋاتقان مەھبۇسلارنى تاكى ئۇلار ئۈزۈل-كېسىل ئۆزگەرگۈچە «تەربىيەلەش» مۇ يوللۇق ھېسابلىنىدىكەن.

پائالىيەتچىلەر بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ «بۇ ھال ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ جازا مۇددىتى توشقاندىن كېيىنمۇ ھۆرلۈككە چىقالمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ داۋاملىق جازا مۇددىتىنىڭ كۆرۈنمەس شەكىلدە ئۇزارتىلىشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس» دەپ كۆرسەتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.