خوڭكوڭ پارلامېنتىدا قەسەم مۇراسىمى سەۋەبلىك يەنە غوۋغا چىقتى
2016.10.26
خوڭكوڭدىكى مۇستەقىللىق تەرەپدارى ئىككى نەپەر ياش پارلامېنت ئەزاسى، بۈگۈن خوڭكوڭ پارلامېنت باشلىقىنىڭ ئۇلارنى پارلامېنت يىغىن زالىغا كىرگۈزمەسلىك قارارىنى رەت قىلغان ۋە نارازىلىق بىلدۈرگەن.
پارلامېنت باشلىقى ئۇلارنى زالدىن چىقىپ كېتىشكە بۇيرۇغاندا، پارلامېنتنىڭ بىر گۇرۇپپا دېموكراتچى ئەزالىرى، ئۇلارنى ئوتتۇرىسىغا ئېلىپ، پارلامېنت بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ ئۇلارنى يىغىندىن چىقىرىۋېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغان.
ياۋ ۋەيچىڭ، سىكى لېڭ ئىسىملىك خوڭكوڭنىڭ بۇ ئىككى يېڭى پارلامېنت ئەزاسى، ئالدىنقى ھەپتىدىكى قەسەم بېرىش مۇراسىمىدا ئۆلچەملىك ئۈزۈندىنى يادلىمىغان ۋە ھاقارەتلىك ئىشارەت ۋە سۆز ئىشلىتىپ، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىگە قارشى مەيدانىنى ئىپادىلىگەن. بۇ سەۋەبتىن خوڭكوڭ ھۆكۈمىتى بۇ ئىككى ئەزا ئۈستىدىن سوتقا ئەرز سۇنغان.
رويتىرسنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، پارلامېنت باشلىقى بۈگۈن، كېلەر ئايدا چىقىدىغان سوتنىڭ قارارى ئېلان قىلىنغۇچە، بۇ ئىككى پارلامېنت ئەزاسىنىڭ پارلامېنت يىغىنلىرىغا قاتناشماي تۇرۇشىنى ئۇقتۇرغان. ئەمما تالاش-تارتىش كۈچەيگەندىن كېيىن، پارلامېنتنىڭ بۈگۈنكى يىغىنى كېلەر ھەپتىگە كېچىكتۈرۈلگەن.









