خوڭكوڭ ئۆكتىچىلەر رەھبىرى خوڭكوڭ خەلقىنى نامايىش قىلىپ، ئەركىنلىكنى قوغداشقا چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2016.01.08

خوڭكوڭ ئۆكتىچىلەر گۇرۇھىنىڭ رەھبىرى، سابىق مەمۇرى مەھكىمە باش كاتىپى چېنفاڭ ئەنشىڭ خوڭكوڭ خەلقىنى نامايىش قىلىپ، خوڭكوڭ تۇڭلىۋەن كىتابخانىسىنىڭ باشلىقى لى بو قاتارلىق 5 نەپەر كىتابخانا خادىمىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىشقا چاقىرغان.

چېنفاڭ ئەنشىڭ جۈمە كۈنى قىلغان سۆزىدە: «لى بونىڭ يوقاپ كېتىشى نۇرغۇن مەسىلىنى، خۇسۇسەن قانۇن-تۈزۈم، ئەركىنلىك، كىشىلىك بىخەتەرلىك، بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، خەلقنى ئەندىشىگە سالدى. شۇڭا، بىز خوڭكوڭ خەلقىنى يەكشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان نامايىشقا قاتنىشىشقا چاقىرىمىز» دېگەن

تۇڭلىۋەن كىتابخانىسى ئىزچىل خىتاي ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلىرىنىڭ ئائىلە تۇرمۇشى ۋە مەخپىي ئىشلىرىغا دائىر كىتابلارنى نەشر قىلىش بىلەن تونۇلغان نەشرىيات ئورنى. لېكىن ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرى مەزكۇر كىتابخانىنىڭ باشلىقى لى بو ۋە قالغان 4 نەپەر خادىمى ئىز -دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر ئوچۇق ئىپادە بىلدۈرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنى خىتاي بىخەتەرلىك خادىملىرى تۇتۇپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن، دەپ گۇمان قوزغالغان.

چېنفاڭ ئەنشىڭ سۆزىدە: «بۇ ئىنتايىن ئېغىر ۋەقە. مەيلى خوڭكوڭنىڭ ئەدلىيە مۇستەقىللىقى بولسۇن، مەيلى خوڭكوڭ خەلقىنىڭ ‹تۈپ قانۇن› دا كاپالەتكە ئىگە سۆز ئەركىنلىكى، نەشرىيات ئەركىنلىكى، كىشىلىك ئەركىنلىكنىڭ دەخلى-تەرۇزسىزلىقى ياكى بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈمنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش بولسۇن، بۇ ۋەقە 2003‏-يىلى دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇن لايىھەسى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن بۇيان ئۇچرىغان ئەڭ ئېغىر خىرىس» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.