خوڭكوڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قىسىملىرى ھەيئىتى ئۇيغۇر ئېلىگە «تەجرىبە» ئۆگىنىشكە ماڭغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018-12-06
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خوڭكوڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قىسىملىرى «تەجرىبە» ئۆگىنىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىگە ماڭغان. جەنۇبىي خىتاي سەھەر گېزىتىنىڭ پەيشەنبە كۈنى تارقاتقان خەۋىرىدىن قارىغاندا، خوڭكوڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋەزىپە قىسىملىرى ھەيئىتى پەيشەنبە كۈنى ئۇيغۇر ئېلىگە قاراپ يولغا چىققان.

مەزكۇر گېزىتنى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگەن مەنبەنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇ قېتىملىق زىيارەت ئۇيغۇر ئېلىدىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قىسىملىرىنىڭ خىزمەت «تەجرىبىلىرى» نى ئۆگىنىشنى مەقسەت قىلغان ئىكەن. ئىسمىنى ئاشكارىلىمىغان بۇ ھۆكۈمەت خادىمى گېزىتكە قىلغان سۆزىدە، بۇ زىيارەتنىڭ خوڭكوڭنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇلغان لاگېرلارنى قوللايدىغانلىقىنى ۋە بۇ لاگېر تۈزۈمىنىڭ خوڭكوڭغىمۇ تەتبىقلىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بىراق، مەزكۇر خەۋەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن تۋىتتېر قاتارلىق ئىجتىمائىي تور بەتلەردە كۈچلۈك دىققەت قوزغىدى. چۈنكى، تېخى يېقىندا نىڭشيا تۇڭگان ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى جاڭ يۈنشېڭمۇ مانا مۇشۇ مەقسەتتە ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلغان. زىيارەت ئاخىرىدا نىڭشيا بىلەن ئۇيغۇر ئېلى ئارىسىدا «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەمكارلىق كېلىشىمى» ماقۇللانغان ئىدى. نۇرغۇن خىتاي ۋەزىيىتى كۆزەتكۈچىلىرى بۈگۈن تۋىتتېردىكى ئىنكاسىدا خوڭكوڭدىكى بۇ خەۋەرگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، بۇنىڭ خەتەرلىك بىر يۈزلىنىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى.

جەنۇبىي خىتاي سەھەر گېزىتىنىڭ ئىگىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىگە قاراپ يولغا چىققان ھەيئەتكە خوڭكوڭنىڭ مۇئاۋىن خەۋپسىزلىك مىنىستىرى سونىي ئاچۋاڭ باشچىلىق قىلغان. ھەيئەتتىكى قالغان 7 ئەزا بولسا بۇ يىل 4-ئايدا قۇرۇلغان «مىنىستىرلىقلار ئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش گۇرۇپپىسى» نىڭ ئەزالىرى بولۇپ، ئۇلار ئۇيغۇر ئېلىدە 5 كۈن تۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرى ۋە ئەسلىھەلىرىنى ئۆگىنىدىكەن.

يۇقىرىدىكى ھۆكۈمەت خادىمى گېزىتكە قىلغان سۆزىدە ئۇيغۇر ئېلىدە كەڭ كۆلەملىك ئۆلۈم-يېتىمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تېررورلۇق ھۇجۇمىغا پەقەت بىر مىنۇت ئىچىدىلا ئىنكاس قايتۇرۇلۇپ بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ «مەنچە ئۇلارنىڭ قانداق قىلىپ بۇنچە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىنكاس قايتۇرۇپ بولىدىغانلىقىنى ئۆگىنىشكە ئەرزىيدۇ» دېگەن.

خوڭكوڭ خەۋپسىزلىك دائىرىلىرى مەزكۇر ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقىنى دەلىللىگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت