خوڭكوڭلۇقلار «كۈنلۈك ئىنقىلابى» نىڭ ئىككى يىللىقىنى خاتىرىلىدى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2016.09.28

خوڭكوڭدىكى يۈزلىگەن دېموكراتىيە قوللىغۇچىلىرى بۈگۈن يەنى چارشەنبە كۈنى قوللىرىدا سېرىق كۈنلۈك تۇتقان ھالدا خوڭكوڭ ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىغا توپلىنىپ، 3 مىنۇت سۈكۈتتە تۇرغان.

ئۇلار بۇ ئارقىلىق 2014-يىلى خوڭكوڭدا يۈز بەرگەن ۋە «كۈنلۈك ئىنقىلابى» دەپ ئاتالغان بېيجىڭغا قارشى زور كۆلەملىك نامايىشنىڭ ئىككى يىللىقىنى خاتىرىلىگەن.

فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، خاتىرە پائالىيىتىگە قېتىلغان خوڭكوڭلۇقلار، مەزكۇر نامايىشنىڭ خېلى كۆپ قىسىم خوڭكوڭلۇقلارنى ئويغاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ جەمئىيەت ئالدىدىكى ۋە كەلگۈسى ئەۋلادلار ئالدىدىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى كۈچلەندۈرگەنلىكىنى، شۇڭا بۇ قېتىم مەزكۇر نامايىشنى خاتىرىلەشنى توغرا تاپقانلىقىنى بايان قىلغان.

خەۋەردە يەنە دېيىلىشىچە، كۈنلۈك ئىنقىلابىنىڭ يېتەكچى ۋە ئاكتىپ ئىشتىراكچىلىرىدىن 3 نەپىرى يېقىندا خوڭكوڭ پارلامېنت سايلىمىدا غەلىبە قىلغان؛ بۇنىڭ بىلەن پارلامېنتتا خوڭكوڭ مۇستەقىللىقىنى تەشەببۇس قىلغۇچىلارغىمۇ ئورۇن تەككەن.

ئۆتكەن يىلقى مەزكۇر نامايىشتا كىشىلەر ئەركىن سايلام ۋە بىر قاتار دېموكراتىك ئىسلاھاتلارنى تەلەپ قىلغان، خىتاي دەسلەپتە پەرۋا قىلمىغان، ئارقىدىن نامايىشچىلارغا ياش ئاقتۇرغۇچ گاز قوللانغان. بۇنىڭ بىلەن نامايىشچىلار قوشۇنى نەچچە ئون مىڭغا كېڭىيىپ، نامايىش ئىككى ئايدىن ئارتۇق داۋام قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.