خوڭكوڭنىڭ يېڭى ياش پارلامېنت ئەزالىرى پارلامېنتتا «ياشلىق» ئىنى كۆرسىتىشكە باشلىدى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2016.10.12

بۇ يىل سېنتەبىردە ئۆتكۈزۈلگەن خوڭكوڭ پارلامېنت سايلىمىنىڭ نەتىجىسىدە، مۇستەقىللىق تەرەپدارى بىر تۈركۈم ياشلار پارلامېنتتىن ئورۇن ئالغان ئىدى.

بۈگۈن خوڭكوڭ پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن قەسەم بېرىش مۇراسىمىدا بۇلار مۇراسىمنىڭ ئادىتىگە خىلاپ ھالدا، ئۆزلىرىنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى خالىمايدىغانلىقى ۋە خوڭكوڭ مۇستەقىللىقىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىدەك سىياسىي ئىرادىسىنى ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن شەكىللەردە ئىپادىلىگەن.

رادىكال «ياش نەسىللەر پارتىيىسى»دىن بولغان ۋەكىل سىكستاس لۇېڭ قەسەم بەرگەندە «خوڭكوڭ خىتاي ئەمەس» دېيىلگەن كۆكبايراقنى قولىدا تۇتقان؛ ئۇنىڭ سەپدىشى ياۋ ۋەيچۇڭ بىر قولىدا ئىنجىلنى تۇتۇپ ھەم بارماقلىرى بىلەن كىرىست بەلگىسىنى كۆرسىتىپ، خىتاي دۆلەت بايرىقىدىكى ئوغاق بولقىغا قارشى مەيدانىنى ئىپادىلىگەن.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە يەنە بايان قىلىشىچە، پارلامېنتنىڭ 23 ياشلىق، ئەڭ كىچىك ئەزاسى ناتان لاۋ مۇراسىم قەسىمىنى ئوقۇشتىن ئاۋۋال ھىندىستان مۇستەقىللىقىنىڭ داھىيسى ماھاتما گەندىينىڭ دىكتاتورلارغا باش ئەگمەسلىك ھەققىدىكى بىر مەشھۇر ئۈزۈندىسىنى مۇقەددىمە سۈپىتىدە ئوقۇغان. خەۋەرلەردە يەنە دېيىلىشىچە، ياش پارلامېنت ئەزالىرىدىن بىرى قەسەمدىكى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دېگەن ئاتالغۇنى ئىنتايىن پەس ئاۋازدا ئوقۇش، يەنە بىرى 100 سۆزگە يەتمەيدىغان قەسەمنامىنى 10 مىنۇتقا سوزۇپ ئاستا سۈرئەتتە ئوقۇش، يەنە بىرى بولسا «خىتاينىڭ ئىنگلىزچە تەلەپپۇزىنى ياپونچە كەمسىتىش تەلەپپۇزىدا شىنا دەپ ئوقۇش ئارقىلىق، ئۆزلىرىنىڭ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىگە ساداقىتى يوقلۇقىنى ئىپادىلىگەن.

خوڭكوڭ پارلامېنتىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان بۇ ئەھۋال مۇراسىم باشقۇرغۇچىلىرىنى قېيىن ئەھۋالدا قويغان. مەلۇم بولۇشىچە، خوڭكوڭ ئاساسىي قانۇنىدا خوڭكوڭنىڭ خىتاينىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان بولسىمۇ، خوڭكوڭ مۇستەقىللىقىنى مۇنازىرە قىلىشقا بولىدىغان-بولمايدىغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.