خوڭكوڭلۇق خۇاڭ تەييىڭ «9-فېۋرال زوراۋانلىق ۋەقەسى» نى تەشكىللەش بىلەن ئەيىبلەندى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2016.02.23

23-فېۋرال كۈنى خوڭكوڭ ساقچى دائىرىلىرى خوڭكوڭدىكى ئاممىۋى تەشكىلات «يەرلىك دېموكراتىيە ئاۋانگارتلىرى» تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچىسى خۇاڭ تەييىڭنى 9-فېۋرال خوڭكوڭنىڭ جيۇلۇڭ رايونى ۋاڭجياۋ بازىرىدا يۈز بەرگەن يايمىكەشلەر بىلەن ساقچىلار توقۇنۇشىدا زوراۋانلىق ۋەقەسىگە قۇتراتقۇلۇق قىلغان دەپ ئەيىبلىدى.

دائىرىلەر خۇاڭ تەييىڭنى ئۇنىڭ ئۈستىدىن 3-ئاينىڭ 22-كۈنىدىكى 2-قېتىملىق سوت ئېچىلغانغا قەدەر 100 مىڭ خوڭكوڭ پۇلى ھېسابىغا كاپالەتكە قويۇپ بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلىپ، بۇ مەزگىلدە ئۇنىڭ چېگرادىن چىقماسلىقىنى، ۋەقە يۈز بەرگەن ۋاڭ جياۋ تەۋەسىگە كىرمەسلىكىنى ئاگاھلاندۇرغان.

بۇ يىل ئەمدىلا 22ياشقا كىرگەن خۇاڭ تەييىڭ بۇ يىل 2-ئاينىڭ بېشىدا فېيسبوك قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا «يەرلىك دېموكراتىيە ئاۋانگارتلىرى» تەشكىلاتى نامىدا ئۇچۇر يوللاپ، خوڭكوڭ پۇقرالىرىنى ھۆكۈمەتنىڭ كىنىشكىسىز يايمىكەشلەرنى چەكلەش بۇيرۇقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈشكە چاقىرىق قىلغان. ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خۇاڭ تەييىڭ 2014-يىلى خوڭكوڭدا يۈز بەرگەن «كۈنلۈك ئىنقىلابى نامايىشى»نى تەشكىللىگۈچى ياشلاردىن بىرى. «كۈنلۈك ئىنقىلابى»دىن كېيىن خۇاڭ تەييىڭ ئەينى چاغدا نامايىشقا قاتناشقان دوستلىرى بىلەن بىرلىكتە «يەرلىك دېموكراتىيە ئاۋانگارتلىرى» تەشكىلاتىنى قۇرغان. خوڭكوڭدىكى بېيجىڭ ھۆكۈمىتىگە مايىل تاراتقۇلار خۇاڭ تەييىڭ قۇرغان تەشكىلاتنى «خوڭكوڭ مۇستەقىللىقىنى تەشەببۇس قىلغۇچىلار» دەپ تەرىپلىگەن.

9-فېۋرال خىتاينىڭ چاغان كۈنىدە خوڭكۇڭنىڭ جيۇلۇڭ رايونى ۋاڭ جياۋ بازىرىدا يېمەكلىك ساتىدىغان يايمىكەشلەر بىلەن ۋەزىپە ئىجرا قىلغىلى كەلگەن بازار باشقۇرۇش خادىملىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن جىدەلگە يايمىكەشلەرنى قوللاش ئۈچۈن كەلگەن پۇقرالار ئارىلىشىپ، 9-فېۋرال توقۇنۇشى يۈز بەرگەن. خوڭكوڭ دائىرىلىرى ۋەقەنى زوراۋانلىق ۋەقەسى دەپ ئېلان قىلىپ، 72 ئادەمنى تۇتقۇن قىلغان. تۇتقۇنلاردىن 46 نەپىرى زوراۋانلىق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن. 9-فېۋرال نارازىلىق ھەرىكىتىنى تەشكىللىگۈچى خۇاڭ تەييىڭ نامايىشتىن كېيىن مۆكۈپ يۈرگەن بولۇپ، 21-فېۋرال يەكشەنبە كۈنى خوڭكوڭ ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.