خوڭكوڭ ئوقۇغۇچىلىرى نامايىش قىلىپ «خىتاي ئورتاق تىلى» نى مەجبۇرلاشقا نارازىلىق بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-01-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

جۈمە كۈنى خوڭكوڭدىكى بىر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ نەچچە يۈز ئوقۇغۇچىسى ئۇنىۋېرسىتېت دائىرىلىرى تەرىپىدىن خىتاي ئورتاق تىلى - «پۇتوڭخۇا» ئىمتىھانىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، مەكتەپتىن توختىتىپ قويۇلغان ئىككى ئوقۇغۇچىنى قوللاپ نامايىش قىلدى.

رويتېرز ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نامايىشچىلار «ئوقۇغۇچىلارنىڭ نارازىلىق بىلدۈرۈشى جىنايەت ئەمەس» دەپ شوئار توۋلاپ، مەكتەپ دائىرىلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن.

خەۋەردە نامايىشچىلارنىڭ ئىككى ئوقۇغۇچىنىڭ مەكتەپتىن توختىتىپ قويۇلۇشى سۆز ئەركىنلىكىنى بوغقانلىق، دەپ قارىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۆتكەن ھەپتە خوڭكوڭ باپتىست ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىدىن خىتاي ئورتاق تىلى ئىمتىھانى ئالغانلىقى مەلۇم. ئىمتىھاندا ئىككى ئوقۇغۇچى ئىمتىھان سوئاللىرىنىڭ بەك قىيىن چىقىرىۋېتىلگەنلىكىدىن شىكايەت قىلىپ، ئوقۇتقۇچىلار بىلەن مۇنازىرىلەشكەن. مەكتەپ دائىرىلىرى بۇ ئىككى ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇتقۇچىلارغا «تەھدىت سالغان ۋە ھۆرمەتسىزلىك قىلغان» لىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇلارنى مەكتەپتىن توختىتىپ قويغان ئىدى.

خوڭكوڭلۇقلار خىتاي ئورتاق تىلىدا سۆزلەشمىسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى خوڭكوڭلۇق ئوقۇغۇچىلارغا خىتاي ئورتاق تىلى ئۆتكىلىدىن ئۆتۈشنى مەجبۇرىي يولغا قويغان. خىتاي دائىرىلىرى ئىلگىرى ئۇيغۇر رايونىدىمۇ ئۇزۇن يىل بۇنىڭغا ئوخشاش سىياسەت يۈرگۈزۈپ كەلگەن. ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇر تىلىنى مائارىپ، ھۆكۈمەت ساھەلىرىدىن پۈتۈنلەي سىقىپ چىقارغان. بەزى رايونلاردىكى مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىشىنى چەكلىگەن ئىدى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تەنقىدچىلەر «بېيجىڭ دائىرىلىرىنى خوڭكوڭنىڭ سۆز ۋە ئىلىم ئەركىنلىكىگە مۇداخىلە قىلىپ، خوڭكوڭ يەرلىك دىئالېكتىنىڭ ئورنىغا خىتاي ئورتاق تىلىنى دەسسىتىشكە ئۇرۇنماقتا،» دەپ ئەيىبلىگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت