خوڭكوڭ سابىق ۋالىسى كرىس پاتتەن: ئاپتونومىيە تېيىلىپ كېتىۋاتىدۇ

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2017-06-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خوڭكوڭنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىق خاتىرە ھارپىسى مۇناسىۋىتى بىلەن ئاخباراتقا پىكىر بايان قىلغان خوڭكوڭنىڭ ئەنگلىيە ھاكىمىيىتى دەۋرىدىكى ۋالىسى كرىس پاتتەن، خىتاينىڭ خوڭكوڭدا ئاپتونومىيىنىڭ قۇرۇق گەپكە ئايلىنىپ قېلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

خىتاينىڭ خوڭكوڭنى ئۆتكۈزۈۋېلىشتا بەرگەن خوڭكوڭنى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش، ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق، خوڭكوڭلۇقلارنىڭ ھايات شەكلىگە چېقىلماسلىق قاتارلىق ۋەدىلىرىدە تۇرمىغانلىقى، خوڭكوڭدىكى بېيجىڭ ۋەكىللىرىنىڭ خوڭكوڭنىڭ سىياسىي ۋە قانۇنىي ئىشلىرىنىڭ ھەممىلا ساھەسىگە چات كېرىۋاتقانلىقى ۋە قول تىقىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئۇ بۇ پىكرىگە، خوڭكوڭ سوت مەھكىمىسىنىڭ پارلامېنت قەسەم مۇراسىم سۆزىنى بۇزۇپ سۆزلىگەن پارلامېنت ئەزالىرىنى بىر تەرەپ قىلىشتا، ھۆكۈم چىقىرىشتىن ئاۋۋال بېيجىڭنىڭ بۇيرۇقىغا قۇلاق سالغانلىقىنى ۋە ھۆكۈمدە ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلىكىنى پاكىت قىلىپ كۆرسەتكەن. ئۇ يەنە، خوڭكوڭلۇق كىتاب سودىگىرىنىڭ بېيجىڭغا قارشى مەيدانى سەۋەبلىك يوشۇرۇن قوللار بىلەن گۆرۈگە ئېلىنغانلىق ۋەقەسىنىمۇ تىلغا ئالغان.

فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، خىتاينىڭ ئاپتونومىيە ۋەدىسىدە تۇرماسلىقى خوڭكوڭلۇقلار ئارىسىدا مۇستەقىللىق تەرەپدارلارنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىشىگە تۈرتكە بولماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت