شى جىنپىڭنىڭ خوڭكوڭ زىيارىتى ھارپىسىدا خوڭكوڭلۇقلار خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەن

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017-06-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خوڭكوڭنى زىيارەت قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقان بىر پەيتتە، بۈگۈن، يەنى 26-ئىيۇن كۈنى خوڭكوڭدىكى بىر قىسىم ياشلار شەھەر مەركىزىدىكى جىنزىجىن مەيدانىغا توپلىنىپ، خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەن.

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نامايىشچىلار بۈگۈن سەھەردە خوڭكوڭدىكى جىنزىجىن مەيدانىغا توپلىنىپ، مەزكۇر مەيداندىكى «سېرىس گۈلى ھەيكىلى» نى قارا بوياق بىلەن بويىۋەتكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 1997-يىلى خوڭكوڭنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتۇرۇۋالغاندىن كېيىن خوڭكوڭ شەھەر مەركىزىدىكى جىنزىجىن مەيدانىغا ئالتۇندىن ھەل بېرىلگەن «مەڭگۈ پورەكلەپ تۇرىدىغان سېرىس گۈلى» ھەيكىلى تىكلەپ، ئۆزلىرىنىڭ غەلىبىسىنى تەنتەنە قىلغانلىقى مەلۇم.

كۆزەتكۈچىلەر، شى جىنپىڭ خوڭكوڭنى زىيارەت قىلىش ھارپىسىدا خوڭكوڭدىكى «سېرىس گۈلى ھەيكىلى» نىڭ قارا رەڭ بىلەن بويىۋېتىلىشى كۈچلۈك سىياسىي قاراتمىلىققا ئىگە، دەپ قارىماقتا.

ئىگىلىنىشىچە، خوڭكوڭدىكى نامايىشچىلار «سېرىس گۈلى ھەيكىلى» نى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنغان ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشقان ۋە كېيىنچە ساقچىلار تەرىپىدىن مەجبۇرىي ھالدا تارقاقلاشتۇرۇلغان.

نامايىشچىلار، خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ 20 يىلدىن بۇيان خوڭكوڭ خەلقىنى ئالداپ، ئاتالمىش «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم» ۋەدىسىنى ئىجرا قىلمىغانلىقىنى ئەيىبلىگەن.

رادىيومىزغا كەلگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، شى جىنپىڭ خوڭكوڭنى زىيارەت قىلىش ھارپىسىدا خەلقئارا ھاۋا يوللىرى ئارقىلىق خوڭكوڭغا كىرگەن ياكى خوڭكوڭ ئارقىلىق ئىككىنچى بىر دۆلەتكە ئايروپىلان ئالمىشىدىغان ئۇيغۇر يولۇچىلار خوڭكوڭ تاموژنىسىدا ئاۋارىچىلىككە يولۇقماقتىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت