1‏-ئىيۇل كۈنى ئون مىڭلىغان خوڭكوڭلۇق نامايىش قىلىپ خىتايغا نارازىلىق بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-07-02
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

1‏-ئىيۇلدىكى خوڭكوڭنىڭ خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەنلىكىنىڭ 21‏-يىللىق خاتىرە كۈنىدە ئون 50 مىڭ خوڭكوڭ پۇقراسى نامايىش قىلىپ، يەرلىك ھۆكۈمەتكە ۋە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ خوڭكوڭغا سىڭىپ كىرىشىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 1997‏-يىلى ئەنگلىيە مۇستەملىكىسىدىكى خوڭكوڭنى قايتۇرۇۋالغاندا ئۇنىڭ سىياسىي-ئىقتىسادىي سىستېمىسىغا چېقىلماسلىققا ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن نۇرغۇن خوڭكوڭلۇقلار خىتاينىڭ ۋەدىسىدە تۇرمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلدى.

1‏-ئىيۇل نارازىلىق نامايىشىنى «خوڭكوڭ دېموكراتىيە پارتىيەسى» تەشكىللىگەن بولۇپ، مەزكۇر پارتىيە نامايىشقا 50 مىڭ ئادەم قاتناشقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خوڭكوڭ «ئەينەك گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، «خوڭكوڭ دېموكراتىيە پارتىيەسى» نىڭ رەئىسى خۇ جىۋېي 1‏-ئىيۇل نامايىشىنىڭ «بىر پارتىيە دىكتاتورىلىقىغا خاتىمە بېرىش، ئۇنىڭ خوڭكوڭغا سىڭىپ كىرىشنى رەت قىلىش» نى ئاساس مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن خوڭكوڭ ئالاھىدە رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ شۇ كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا نامايىشچىلارنى تەنقىدلەپ، ئۆكتىچىلەرنىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ «خوڭكوڭنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتى ۋە تەرەققىياتىغا پايدىلىق ئەمەس» لىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

«خوڭكوڭ دېموكراتىيە پارتىيەسى» نىڭ رەئىسى خۇ جىۋېي خوڭكوڭ يەرلىك ھۆكۈمىتىنى نامايىشچىلارغا قارا سۈركەش بىلەن تەنقىدلەپ، بۇ خوڭكوڭ ئالاھىدە رايونىنىڭ مەمۇرىي ئەمەلدارى لىن جىنيۆنىڭ «خوڭكوڭ خەلقى بىلەن بىر سەپتىكى شەخس ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىدۇ،» دېگەن.

ئۇ بىر پارتىيە دىكتاتورىلىقىغا قارشى تۇرۇش ھەققىدە توختىلىپ، خوڭكوڭ بىلەن خىتاينىڭ دېموكراتىيەگە قاراپ مېڭىشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ «بىر پارتىيە دىكتاتورىلىقىغا خاتىمە بېرىش خەلقنى دۆلەتنىڭ ھەقىقىي خوجايىنىغا ئايلاندۇرۇشتىكى زۆرۈر ئاساسى قانۇن ئىسلاھاتىدۇر،» دېگەن. خوڭكوڭلۇقلار 2003‏-يىلدىن بېرى ھەر يىلى 1‏-ئىيۇل كۈنى نامايىش قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ كەلمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت