خوڭكوڭلۇق دېموكرات خىتاي ئالاھىدە خادىملىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ تاياق يېگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017-08-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خوڭكوڭدىكى دېموكراتىيىنى ياقىلايدىغان بىر پارتىيىنىڭ ئەزاسى بولغان ھوۋارد لەم جۈمە كۈنى ئۆزىنىڭ خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن كەلگەن ئالاھىدە خادىملار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ۋە تاياق يېگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھوۋارد لەم جۈمە كۈنى بارلىق خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىنىڭ مۇخبىرلىرىنى يىغىپ ئۇلارغا بايانات بەرگەن ۋە بەدىنىدىكى يارا ئىزلىرىنى كۆرسەتكەن.

ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ھوۋارد لەم خىتاي تۈرمىسىدە ئۆلۈپ كەتكەن ئۆكتىچى يازغۇچى ليۇ شاۋبونىڭ ئايالى ليۇشاغا داڭلىق پۇتبول چولپىنى لىيونېل مېسسى ئىمزا قويۇپ بەرگەن بىر پارچە رەسىم ئەۋەتىدىغانلىقىنى فېيىسبۇك ئارقىلىق جاكارلىغان ئىكەن. بۇنىڭ بىلەن، سەيشەنبە كۈنى ئۇنىڭغا نامەلۇم بىر كىشىدىن تېلېفون كەلگەن. ئۇ كىشى لەمگە ئۆزىنىڭ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نامىدا گەپ قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ «ليۇ شاغا مەسسىنىڭ رەسىمىنى ئەۋەتمەيسەن» دەپ تەھدىت سالغان. پەيشەنبە كۈنى ئۇ يولدا كېتىۋاتقاندا، بىر مىنىبۇس ئۇنىڭ ئالدىدا توختىغان ۋە ئىچىدىن چۈشكەن ئادەملەر ئۇنى مەجبۇرىي مىنىبۇسقا چىقىرىپ، ئۇنى ھوشىدىن كەتكۈزۈۋەتكەن. كېيىن ئۇ ھوشىغا كەلگەندە چوڭ قۇرۇقلۇق تەلەپپۇزىدا سۆزلەيدىغانلار ئۇنىڭغا «سەن ۋەتەننى سۆيۈشنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلەمسەن؟» دەپ ئۇنى ئۇرغان.

لەمنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇ ھوشىدىن كېتىپ ئويغانغاندا ئۆزىنىڭ دېڭىز ساھىلىدا تاشلاپ قويۇلغانلىقىنى كۆرگەن. ئۇ ئەھۋالنى دەرھال ساقچىغا ۋە ئۆزى تەۋە بولغان پارتىيەگە خەۋەر قىلغان.

خوڭكوڭ قانۇنلىرىغا ئاساسەن، خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقى ساقچىلىرىنىڭ خوڭكوڭدا ھەرىكەت قىلىشى چەكلەنگەن. ئەمما، ئۆتكەن يىلى 5 نەپەر خوڭكوڭلۇق كىتابپۇرۇش خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ بېيجىڭغا ئەپ كېتىلگەندىن كېيىن خەلقئارا زور نارازىلىق پەيدا قىلغان ۋە بۇ خوڭكوڭلۇقلاردا قاتتىق ئەندىشە پەيدا قىلغان ئىدى. خوڭكوڭ ساقچى باشلىقى سىتىۋېن لو بۈگۈن مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە «بىز خوڭكوڭدا باشقا ھەرقانداق قانۇن ئىجرا قىلغۇچى ئورگان ۋە ياكى شەخسلەرنىڭ ھەرىكەت قىلىشىغا يول قويمايمىز» دېگەن ۋە ئۆزلىرىنىڭ ۋەقەنى تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. ئەمما بۇ ۋەقە، خىتاي ھۆكۈمىتى خوڭكوڭ دېموكراتىيىسىگە قارا سايە تاشلاۋاتامدۇ، دېگەن ئەندىشىنى كۈچەيتكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت