«غايىب قىلىنغان خوڭكوڭلۇق كىتابپۇرۇش» نىڭ ئەنگلىيە پۇقراسى بولۇشى خىتاي-ئەنگلىيە مۇناسىۋىتىدىكى نازۇك مەسىلىگە ئايلاندى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2016.01.05

خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ 5-يانۋاردىكى خەۋەرلىرىدە، ئۆتكەن ھەپتە «غايىب قىلىنغان» خوڭكوڭدىكى توڭلوۋەن كىتابخانىسىنىڭ پايچىلىرىدىن بىرى، كىتابخانا خىزمەتچىسى لى بونىڭ ئەنگلىيە پۇقراسى ئىكەنلىكى ۋە لى بونىڭ غايىب بولۇشى خىتاي-ئەنگلىيە دىپلوماتىيە مۇناسىۋىتىدىكى نازۇك مەسىلىگە ئايلانغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، 5-يانۋار يەنى سەيشەنبە كۈنى بېيجىڭ زىيارىتىنى باشلىغان ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى پىلىپ ھامون مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، «لى بونىڭ قولىدا ئەنگلىيە پاسپورتى بار، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى خوڭكوڭ ۋە خىتاي قۇرۇقلۇقىدىكى يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىدىن لى بونىڭ قەيەردە ئىكەنلىكى ۋە نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى ئىگىلەشتە ياردەمدە بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ» دېگەن.

ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ سەيشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىدە «خىتاي تەرەپ، لى بو قاتارلىقلارنىڭ خىتاي ئىچكى قۇرۇقلۇقى خادىملىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ قېلىنىپ، تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلىمىدى، ئەمما خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى لى بونىڭ ئالدى بىلەن خىتاي پۇقراسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ھەرقايسى تەرەپنىڭ خىتايغا نىسبەتەن ئاساسسىز گۇمانلاردا بولماسلىقىنى ئاگاھلاندۇردى» دېگەن بايانلار بېرىلدى.

خوڭكوڭ تاراتقۇلىرى ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ خەۋەرلىرىدە ئېيتىلىشىچە خوڭكوڭدىكى توڭلوۋەن كىتابخانىسى سىياسىي مەزمۇندىكى كىتابلارنى نەشر قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ قېتىم كىتابخانىنىڭ 5 نەپەر خادىمىنىڭ «غايىب قىلىنىشى» غا بۇ كىتابخانا يېقىندا نەشر قىلغان خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭغا مۇناسىۋەتلىك كىتابنىڭ سەۋەب بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.