خوتەن شەھىرىنىڭ باشلىقى ئادىل نۇرمەمەت «خىيانەتچىلىك» بىلەن ئەيىبلەنگەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2015.02.18

خوتەن شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى، شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى ئادىل نۇرمەمەت پارتىيىدىن چىقىرىلىپ، ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن.

ئادىل نۇرمەمەت ئۆتكەن يىل 10-ئايدا ئىنتىزامغا «ئېغىر خىلاپلىق قىلىش» سەۋەبلىك تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغان. بىراق ئەينى چاغدا خوتەن شەھەرلىك ھۆكۈمەت تور بېتى ئۇنىڭ سىياسىي ئىنتىزامغا ياكى خىيانەتچىلىككە چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالمىغان.

بۈگۈن شىنجاڭ گېزىتى خەۋەر تارقىتىپ، ئادىل نۇرمەمەتنىڭ ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، زور مىقداردا پارا ئالغانلىقىنى، خۇسۇسىي شىركەتلەردىن پايدا كۆزلىگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئادىل نۇرمەمەت بۇ سەۋەبلىك پارتىيىدىن قوغلاپ چىقىرىلىپ، ئەمىلىدىن ئېلىپ تاشلانغان. ئۇ ھازىر ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن.

ئادىل نۇرمەمەت 2009‏-يىلدىن بېرى خوتەن شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى، شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى بولغان. ئۆتكەن ئۆكتەبىردە ئۇنىڭ «ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش» بىلەن تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى ئېلان قىلىنغان كۈنلەردە ھۆكۈمەت ئۇچۇر تورلىرى خوتەندىكى ئەمەلدارلاردا قاشتېشى سودىسىدىن نەپ ئالىدىغان ئىشلارنىڭ ئېغىرلاپ كەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى «سىياسىي مەيدانى ئېنىق بولمىغان» ئۇيغۇر كادىرلارنى تازىلاۋاتقان ئىدى.

شىنجاڭ گېزىتى ئادىل نۇرمەمەتنىڭ ئېغىر دەرىجىدە خىيانەتچىلىك قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ قانداق خىيانەت قىلغانلىقى، قانچىلىك خىيانەت قىلغانلىقى قاتارلىق تەپسىلاتلارغا يەر بەرمىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.