خوتەن ‏- ئۈرۈمچى بىۋاسىتە تېز پويىز قاتنىشى غۇلغۇلا پەيدا قىلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017-03-23
Share

مەلۇم بولۇشىچە، 25-مارتتىن باشلاپ، خوتەن بىلەن ئۈرۈمچى ئارىلىقىدا بىۋاسىتە قاتنايدىغان ئالاھىدە تېز پويىز يولغا قويۇلىدىكەن.

تەڭرىتاغ تورى خەۋىرىدە، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» دەپ نام بېرىلگەن بۇ ئالاھىدە تېز پويىزنىڭ جەنۇب بىلەن شىمالىي شىنجاڭ ئارىلىقىدىكى مۇساپىنى قىسقارتىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئۆز-ئارا ئىتتىپاقلىشىشىغا تۈرتكە بولىدىغانلىقى، بىر بەلۋاغ، بىر يول سىياسىتىگە، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

بىراق، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەتتىن قاتتىق چۆچۈۋاتقان بىر شارائىتتا، بۇ تېز پويىزنىڭ جىددىي ئەھۋاللاردا خوتەنگە ساقچى ۋە ئەسكەر يۆتكەشنى قۇلايلاشتۇرۇشقا ئوخشاش مەقسەتلەر ئۈچۈن يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ ئېھتىمالغا بەكرەك يېقىنلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

گۇمىدىكى ۋەقەدىن كېيىن، ئوخشىمىغان ئاخبارات ۋاسىتىلىرى خىتاينىڭ خېنەن قاتارلىق ئۆلكىلىرىدىن قوراللىق ساقچىلارنىڭ خوتەن ۋە قەشقەر قاتارلىق جايلىرىغا يۆتكەلگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت