خوتەندە مەخسۇس ئۇيغۇر تېبابىتى بويىچە خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2015-10-25
Share


22 - 23 - ئۆكتەبىر كۈنلىرى خوتەنگە جايلاشقان بىردىن بىر ئۇيغۇر تېبابىتى ساھەسى بويىچە ئالىي مەكتەپ ھېسابلىنىدىغان تېبابەت ئالىي تېخنىكومىدا ئۇيغۇر مىللىي تېبابىتى ۋە دورىگەرلىكى ساھەسى بويىچە خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى.

ئۇيغۇر تېبابىتى مۇتەخەسىسلىرىدىن باشقا يەنە پاكىستان، فرانسىيە، ياپونىيە، تۈركىيە، تاجىكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن مۇتەخەسسىسلەر ۋە خىتاينىڭ چىڭخۇا، فۇشەن، ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە شىنجاڭ مېدىتسىنا ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئورۇنلاردىن كەلگەن جەمئىي 50 ئەتراپىدا مۇتەخەسسىس ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشتى.يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئۇيغۇر تېبابىتى ساھەسى، دورىگەرلىك ۋە باشقا ساھەلەرگە مەنسۇپ كىشىلەردىن 1000غا يېقىن ئادەم ئىشتىراك قىلدى.

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ جەرياندا يەنە چەتئەل ۋە خىتاي تەۋەسىدىن 12 ئادەمگە ئۇيغۇر تېبابىتى ئالىي تېخنىكومىنىڭ مېھمان پروفېسسورۇلۇق كىنىشكىسى بېرىلگەن.

بۇ قېتىمقى يىغىنغا ئۇيغۇر تېبابىتى ئالىي تېخنىكومى ساھىبخانلىق قىلغان. خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر تېبابىتى ئالىي تېخنىكومىنىڭ ئۇيغۇر تېبابىتى ۋە دورىگەرلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش قىزغىنلىقى بىر قىسىم ئۇيغۇر جامائەت ئەربابلىرىنىڭ قوللىشى ھەم ئىئانە قىلىشىغا ئېرىشكەن بولۇپ، ئىككى كىشى ئايرىم - ئايرىم ھالدا 500 مىڭ يۈەن ۋە 50 مىڭ يۈەن ئىئانە قىلغان.

ئۇيغۇر تېبابىتى ئالى تېخنىكومىدا ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى مەزكۇر ساھەدىكى كۆلىمى بىر قەدەر چوڭ ئىلمىي پائالىيەت ھېسابلىنىدىكەن. ئەمما، مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر تېبابىتى ئالىي تېخنىكومى 1989 - يىلى قۇرۇلغان بولسىمۇ، تېخى ھازىرغىچە ئالىي تېخنىكوم بولۇپ، رەسمىي ئۇيغۇر تېبابىتى ئىنستىتۇتى ياكى ئۇنىۋېرسىتېتى دەرىجىسىگە كۆتۈرەلمىگەن بولغاچقا ئۇيغۇر تېبابىتى كەسپى بويىچە ماگىستىرلىق ئۇنۋانى بېرىش سالاھىيىتى يوق ئىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.