خىتاينىڭ خۇاۋېي شىركىتىنىڭ باشلىقى ئامېرىكىنىڭ تەلىپى بويىچە تۇتقۇن قىلىندى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018.12.06

خىتاينىڭ خۇاۋېي شىركىتىنىڭ باشلىقى شۇنداقلا خۇاۋېي شىركىتى قۇرغۇچىسىنىڭ قىزى مېڭ ۋېنجۇ شەنبە كۈنى كانادادا تۇتقۇن قىلىنغان. نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، كانادا تەرەپ مېڭ ۋېنجۇنى ئامېرىكىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن تۇتقۇن قىلغان بولۇپ، بۇ ۋەقە ئامېرىكا-خىتاي ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ جىددىيلىشىشىگە سەۋەب بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

قىزىقارلىقى، مېڭ ۋېنجۇنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى دەل ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئارگېنتىنادا خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كەچلىك زىياپەتتە ئولتۇرۇپ، 90 كۈنلۈك سودا ئۇرۇشىنى توختىتىشنى كېلىشكەن مەزگىلىگە توغرا كەلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا دائىرىلىرى خۇاۋېي شىركىتىنىڭ ئىرانغا بېرىش چەكلەنگەن ئامېرىكا تېخنىكىلىرىنى ئىرانغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكىگە ئائىت دەلىللەرنى يىغقان. نەتىجىدە، مېڭ ۋېنجۇ ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا قويغان جازا تەدبىرلىرىنى بۇزۇشقا ئۇرۇنۇش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن.

ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى بەن سەسى بۇ ھەقتىكى باياناتىدا «خىتاينىڭ تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ۋە بۇنىڭ جازاسىز قالمايدىغانلىقىنى» بىلدۈرگەن.

پەيشەنبە كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ ئامېرىكا ۋە كانادادىن مېڭ ۋېنجۇنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا ئاساس يوقلىغىنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋە «بىر كىشىنىڭ سەۋەبسىز ھالدا تۇتقۇن قىلىنىشى كىشىلىك ھوقۇقنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلغانلىق ھېسابلىنىدۇ» دېگەن.

ئۇنىڭ بۇ سۆزى، تۋىتتېردىكى خىتاي ۋەزىيىتى كۆزەتكۈچىلىرى ئارىسىدا كۈچلۈك مەسخىرىگە قالدى. تۋىتتېر قوللانغۇچىلىرى «بىر مىليوندىن ئوشۇق مۇسۇلمان ئۇيغۇرنى سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلىپ تۇرۇۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقتىن ئېغىز ئېچىشىنىڭ تولىمۇ كۈلكىلىك» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، مېڭ ۋېنجۇ كانادادىن ئامېرىكىغا ئەپ كېلىنگەندىن كېيىن سوتقا تارتىلىدىكەن. نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قاراتقان سىياسىتىدىكى بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك ۋەقە بولۇپلا قالماي، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئىختىلاپنىڭ تېز سۈرئەتتە كۈچىيىۋاتقانلىقىنىمۇ نامايان قىلىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.