ياپونىيە خۇاۋېي ۋە جوڭشىڭ شىركەتلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا ئىشلىتىشنى چەكلىگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-12-10
Share

ياپونىيە ھۆكۈمىتى دۈشەنبە كۈنى ھۆكۈمەت تارماقلىرىغا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، خىتاينىڭ خۇاۋېي ۋە جوڭشىڭ قاتارلىق تېخنولوگىيە شىركەتلىرى بىلەن سودا توختامى تۈزۈشنى ۋە ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىشىنى چەكلىگەن.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» نىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ خىتاينىڭ خۇاۋېي شىركىتىگە نىسبەتەن يەنە بىر قېتىملىق زور ئوڭۇشسىزلىق ھېسابلىنىدىكەن. كانادا 2‏-دېكابىر كۈنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن خۇاۋېي شىركىتىنىڭ باش بوغالتىرى ۋە مۇئاۋىن باش مۇدىرى مىڭ ۋەنجونى قولغا ئالغان. مىڭ ۋەنجو ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا يۈرگۈزگەن ئېمبارگوسىغا خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن ئىدى.

ياپونىيە «نىككېي گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيە ھۆكۈمىتى سەزگۈر ئۇچۇرلارنىڭ پاش بولۇپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن يۇقىرىقى قارارنى چىقارغان. خەۋەردە ياپونىيەنىڭ چەكلەش قارارىدا يۇقىرىقى ئىككى شىركەتنىڭ ئىسمى ئاشكارا تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ قارارنىڭ شۇلارغا قارىتىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، چەكلەش قارارى يۇقىرىقى ئىككى شىركەت ئىشلەپچىقارغان كومپيۇتېر، مۇلازىمېتىر ۋە ئېلېكترونلۇق ئالاقە ئەسۋابلىرى قاتارلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ھۆكۈمەت تارماقلىرى ۋە قوغدىنىش قىسىملىرىنىڭ بۇ مەھسۇلاتلارنى ئىشلىتىشى چەكلەنگەن. خەۋەردە ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ بۇ مەھسۇلاتلارغا ۋىرۇس يۈكلەنگەن بولۇشى مۇمكىن دېگەن ئەندىشە بىلەن يۇقىرىقى قارارنى چىقارغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. بۇنىڭ ئالدىدا ئاۋسترالىيە بىلەن يېڭى زېلاندىيە ھۆكۈمەتلىرىمۇ خۇاۋېي شىركىتىنىڭ 5G ئىنتېرنېت قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشىنى توسىغان ئىدى.

ياپونىيە ھۆكۈمەت تارماقلىرىدا خىتاينىڭ خۇاۋېي ۋە جوڭشىڭ شىركەتلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىشنى چەكلىگەن 2‏-دۆلەت. ئۇنىڭدىن بۇرۇن، يەنى بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قانۇن ماقۇللاپ، ئامېرىكا ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ يۇقىرىقى ئىككى شىركەتنىڭ مەھسۇلاتىنى ئىشلىتىشىگە چەك قويغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت