خۇاۋېي شىركىتىنىڭ ئەنگلىيەدە 5G تېخنىكاسىنى كېڭەيتىشى ئۇيغۇرلار مەسىلىسى تۈپەيلىدىن چەكلىمىگە ئۇچرىماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019.12.24

يېقىندا ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزالىرىدىن ئون نەچچە كىشى ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋازارىتىگە بىرلەشمە مەكتۇپ يوللاپ، «شىنجاڭدىكى ئېغىر ۋەزىيەتكە باغلىنىشلىق بولغان خۇاۋېي شىركىتىنىڭ دۆلىتىمىزدىكى 5G تېخنىكاسى قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشىنى چەكلەش لازىم،» دەپ كۆرسەتتى.

«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك گېزىتى» نىڭ 24-دېكابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بىرلەشمە مەكتۇپتا «شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى تولۇق ھەل بولمىغۇچە ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى خۇاۋېي شىركىتى بىلەن ھېچقانداق ئىقتىسادىي مۇئامىلىدە بولماسلىقى لازىم،» دەپ ئالاھىدە كۆرسىتىلگەن. ئەمگەك پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى ساراھ چېمپىيون بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇمغا بۇ شىركەتنىڭ قايسى دەرىجىدە شېرىك بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدە كۆپلىگەن گەپ-سۆزلەر بولۇۋاتقاندا دۇنيانىڭ كۆزى بىزگە تىكىلىۋاتىدۇ،» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خۇاۋېي شىركىتى يېقىندىن بۇيان ئەنگلىيە، گېرمانىيە ۋە ئىتالىيەدە 5G تېخنىكاسىنى كېڭەيتىش بىلەن جىددىي مەشغۇل بولماقتا ئىكەن. ئەنگلىيەدە ئوتتۇرىغا چىققان بۇ خىل قارشىلىقنىڭ ياۋروپادىكى باشقا دۆلەتلەرگە قانداق تەسىر كۆرسىتىشى ھەققىدە ھازىر تۈرلۈك تەخمىنلەر ئوتتۇرىغا چىقماقتا ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.