ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يادرو قوراللىرى ساھەسىدە ئارمىيەنى يېڭىۋاشتىن قوراللاندۇرماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020.05.06

ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىشنىڭ ئېشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن بولغان رىقابەتتە يېڭى ھەربىي قوراللار ۋە ئوخشىمىغان مۇساپىدىكى راكېتالارنى يېڭىلىماقتا ئىكەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 5-مايدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ئون نەچچە يىل جەريانىدا خىتاينىڭ ھەربىي قۇۋۋىتىنى زور كۈچ بىلەن ئاشۇرۇشىغا قارىتا سۈكۈت قىلىپ كەلگەن ئىكەن. نۆۋەتتىكى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدە كۆرۈلۈشكە باشلىغان «سوغۇق ئۇرۇش» نىڭ ئالامەتلىرى تۈپەيلىدىن بەش بۇرجەكلىك بىنا ھازىر ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدا ئۇزۇن مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى ئورنىتىشنى جىددىي ئويلاشماقتا ئىكەن. ئاق ساراينىڭ 2021-يىللىق ھەربىي خامچوت دوكلاتىدا بولسا بۇ نۇقتا ئېنىق تىلغا ئېلىنغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھازىر خىتاينىڭ قۇرۇقلۇقنى ئاساس قىلغان راكېتا ئەۋزەللىكىنى بېسىپ چۈشۈش ئۈچۈن ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىگە ئۇزۇن مۇساپىلىك راكېتالارنى سەپلەش بىلەن بىرگە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ پىيادىلەر قىسمىنى دۈشمەن ئۇرۇش پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلىشقا ئىشلىتىشنى قارار قىلغان. بۇنىڭدا ناۋادا ئۇرۇش بولۇپ قالسا بۇ قىسىملار غەربىي تىنچ ئوكياندىكى «بىرىنچى ئارال زەنجىرى» گە ئەۋەتىلىدىكەن. بۇ رايون بولسا ياپونىيەدىن تەيۋەن بوغۇزى ئارقىلىق فىلىپپىنغا بارىدىغان لىنىيەنى كۆرسىتىدىكەن.

خەۋەردە نۆۋەتتىكى تاجسىمان ۋىرۇسى زور بىر مەسىلىگە ئايلىنىۋاتقاندا خىتاينىڭ تەيۋەنگە ھەربىي جەھەتتە قورقاق سېلىشى ئەدەپ كېتىۋاتقانلىقى سەۋەبىدىن ئامېرىكانىڭ بۇ ھەقتىكى ئۆزگەرتىشنى تېز سۈرئەتتە ئورۇنلاشقا ئالدىراۋاتقانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.