يالقۇن روزىنىڭ قىسمىتى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قايتا قۇرۇش ئۇرۇنۇشى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019.08.27

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى كۆپكە تونۇلغان ئوبزورچى يالقۇن روزى 2016-يىلى تۇتقۇن قىلىنىپ قاماققا ھۆكۈم قىلىنغاندىن بۇيان ھازىرغا قەدەر نەچچە يۈزلىگەن ئۇيغۇر سەرخىللىرى ئارقىمۇ-ئارقىدىن لاگېرلارغا قامالدى. نۆۋەتتە بولسا يالقۇن روزى ۋە باشقا ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى ماھىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە كىملىكىنى يوقىتىش يولىدىكى «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» نىڭ بىر مۇھىم قەدىمى ئىكەنلىكى ھەققىدە پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇشقا باشلىدى. «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ 27-ئاۋغۇست سانىدا كاڭ داكې ئىمزاسىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى ماقالىدە دەل مۇشۇ مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.

ئاپتورنىڭ يېزىشىچە، يالقۇن روزى قولغا ئېلىنغانغا قەدەر بولغان 15 يىل ئىچىدە تولىمۇ ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىش كۆرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇن-نىزاملىرى يول قويغان دائىرىدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئاكتىپ تەشەببۇسكارى بولۇپ كەلگەن. باشقا ئۇيغۇر زىيالىيلىرىغا ئوخشاش ئۇمۇ «بۆلگۈنچىلىك» ياكى «ئەسەبىيلىك» قالپىقىنى كىيىپ قالماسلىق ئۈچۈن سىياسىيغا چېتىشلىق گەپ-سۆز ۋە ئىش-ھەرىكەتلەردىن ئارىلىق ساقلىغان ھالدا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئەدەبىياتىنىڭ گۈللىنىشىگە تېگىشلىك ھەسسە قوشۇپ كەلگەن. بۇ جەرياندا يالقۇن روزى بىر يۈرۈش ئۇيغۇرچە دەرسلىك كىتابلار، كلاسسىك ئەسەرلەر ۋە خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنى يورۇقلۇققا چىقىرىشقا ھەسسە قوشقان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا ئىشلەۋاتقان دوست-بۇرادەرلىرى بىلەن بولغان «دوستلۇق تورى» دىن پايدىلىنىپ ئىسلام دىنى، ئۇيغۇر مىللىي روھى ۋە كىملىكى قاتارلىق نازۇك تېمىلاردا بىر قىسىم ئەسەرلەرنى يازغان. ئەمما ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا قولغا ئېلىنغان يالقۇن روزىنىڭ قىسمىتى يەنە بىر ياقتىن خىتاي كومپارتىيەسى سىزغان سىزىقتىن چىقمىغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭمۇ ۋاقتى كەلگەندە بىر ئۆرۈلۈپلا «دۆلەتنىڭ دۈشمىنى» گە ئايلىنىپ قالىدىغانلىقىنى بەكمۇ ئوچۇق نامايان قىلغان.

ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، يالقۇن روزى ئىزچىل ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى مەرىپەتلىك ۋە مەدەنىيەتلىك خەلقلەردىن بولۇشقا ئۈندەپ كەلگەن. خىتاي ئاخباراتلىرىدىكى قېلىپلىشىپ قالغان «ئۇيغۇرلار ناخشا-ئۇسسۇل مىللىتى» دېگەن تەبىرگە خاتىمە بېرىشنى تەكىتلەپ، ئۇيغۇرلاردىنمۇ كارخانىچىلار، ئالىملار، دۇنياۋى زىيالىيلارنىڭ كۆپلەپ يېتىشىپ چىقىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان. دەل ئەنە شۇنداق ئەھۋالدا 2001-يىلى ئۇنىڭ ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكلىرىنى قايتا تۈزۈش گۇرۇپپىسىغا مەسئۇل قىلىنىشى ئۇنىڭغا زور مەدەت ئاتا قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ بىۋاسىتە كۈچ چىقىرىشى نەتىجىسىدە ئەدەبىيات دەرسلىكلىرى يېڭىچە قىياپەتتە ئوتتۇرىغا چىققان. ئەمما 2016-يىلى چېن چۇەنگو پارتىيە سېكرېتارى بولۇپ يۆتكىلىپ كەلگەندىن كېيىن ئارىدىن بىرنەچچە ئاي ئۆتە-ئۆتمەيلا زور تۇتقۇن باشلانغان ھەمدە يالقۇن روزى «مەسىلىلىك كىتابلار» نىڭ باش جاۋابكارلىرىنىڭ بىرى، ئوقۇرمەنلەرگە تەتۈر تەشۋىقات تارقاتقۇچى سۈپىتىدە قولغا ئېلىنغان. ئۇنىڭ ئامېرىكادىكى ئوغلى كامالتۈرۈك بۇ ھەقتە ماقالە ئاپتورىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ: «بۇ كىتابلار ھېچقانداق سىياسىي خاراكتېرگە ئىگە ئەمەس. ئۇلاردا پەقەت ئۇيغۇر بولۇشنىڭ پەخىرلىنىشكە تېگىشلىك بىر ھادىسە ئىكەنلىكى ئالغا سۈرۈلگەن. بۇ بولسا خىتاي ھۆكۈمىتى ئەڭ خالىمايدىغان ئىشلارنىڭ بىرى ئىدى» دەيدۇ.

تەتقىقاتچىلار بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، يالقۇن روزىنىڭ قولغا ئېلىنىشى ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى سىستېمىلىق ئىجرا قىلىۋاتقان كېيىنكى ئەۋلاد ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئۇيغۇر تىلى، مەدەنىيىتى ۋە مىللىي كىملىكىدىن ئۇزاقلاشتۇرۇش ھەمدە خىتايلارغا سىڭدۈرۈۋېتىش ئۇرۇنۇشىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئالغا سۈرگەن. ئاۋسترالىيەدىكى لاتروب ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جېيمىس لېيبولد بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ: «بۇ ئىشلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەدرىجىي يوسۇندا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە كىملىكىنى قايتا قۇرۇپ چىقىش تىرىشچانلىقىنىڭ ئىپادىسى» دەيدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.