ياڭ گاڭنىڭ پاراخورلۇق دېلوسى ئۈستىدىن رەسمىي سوت ئېچىلغان

مۇخبىرىمىز جۈمە
2015-11-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


12 - نويابىر خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى ياڭ گاڭنىڭ پاراخورلۇق دېلوسى ئۈستىدىن رەسمىي سوت ئېچىلغان.

خىتاي خەلق تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سوت بېيجىڭ شەھەرلىك 3 - ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىدە ئوچۇق شەكلىدە ئېچىلغان. سوتقا 70 ئەتراپىدا ئادەم قاتناشقان.

ياڭ گاڭ ئەسلى خېبېيدا تۇغۇلغان بولۇپ، بالىلىق دەۋرلىرىدىلا دادىسىغا ئەگىشىپ ئۇيغۇر ئېلىگە يەرلەشكەن ۋە 2010 - يىل خىزمىتى ئۆستۈرۈلۈپ بېيجىڭغا يۆتكەپ كېتىلگەن قەدەر بىڭتۇەندە 20 يىلغا يېقىن ھوقۇق تۇتقاندىن سىرت، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ پارتىيە سېكرېتارى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى كادىرلار نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قاتارلىق ئالىي ھوقۇقلارنى تۇتقان.

ئامېرىكىدىن چىقىدىغان «ئۇلۇغ ئېرا گېزىتى» دىكى خەۋەردە، ياڭ گاڭنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئالدىنقى نۆۋەتلىك سابىق پارتكوم سېكرېتارى «ۋاڭ لېچۈەننىڭ يېقىنى» ئىكەنلىكى كۆرسىتىلدى.

خەلق تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، «ياڭ گاڭ 2008 - يىلى فېۋرالدىن، 2013 - يىلى ئاۋغۇستقىچە، ئۆزىنىڭ ئالاھىدە مۇناسىۋىتىدىن پايدىلىنىپ، 13 مىليون 790 مىڭ يۈەن پارا ئالغان. خەۋەردە كۆرسىتىشىچە يەنە، ياڭ گاڭ ئاخىرىدا «جىنايىتىنى تونۇغان، جىنايىتىگە پۇشايمان قىلغان.»

ئەمما سوتقا قانداق ھۆكۈم چىقىرىلغانلىقى ھازىرچە ئېلان قىلىنمىغان.

ياڭ گاڭ 2013 - يىلى 27 - دېكابىر قولغا ئېلىنىپ تەكشۈرۈلۈشكە تاپشۇرۇلغان. خىتاي ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى بۇ يىل 28 - ئىيۇل تارقاتقان ئۇچۇرىدا ياڭ گاڭنىڭ پارىخورلۇق جىنايىتى ئۇستىدىن تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغانلىقىنى كۆرسەتكەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت