ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ياڭاق تورتى سودىسىنى ئىنتېرنېت دۇنياسىغا باشلاپ كىرگەن

مۇخبىرىمىز جۈمە
2014-05-24
Share


خىتايدىكى بىر ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئۇيغۇرلارنىڭ ياڭاق تورتىنى ئىنتېرنېت ئارقىلىق سېتىش سودىسىنى يولغا قويۇپ، پايدا كۆرۈشكە باشلىغان.

خىتاي خەلقئارا رادىئو ئىستانسىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ سودىنى تۇنجى بولۇپ ئېنتەرنەتتە باشلىغان ياش نۆۋەتتە خېنەن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان ئادىل ئىسىملىك ئۇيغۇر ئىكەن.

ئۇ قەشقەردىن بولۇپ، ياڭاق تورتى ياساپ سېتىش ئۇنىڭغا ئاتا كەسپى ئىكەن.

ئۇ خىتاي ئۆلكىسىگە كەلگەندىن كېيىن، ئاتا كەسپىنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن سودىسىنى ئىنتېرنېت دۇنياسىغا باشلاپ كىرگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۇ بۇ كەسپىنى نۆۋەتتە ئىككى نەپەر خىتاي ساۋاقدىشى بىلەن بىرلىكتە مەبلەغ سېلىپ كېڭەيتىشكە باشلىغان.

نۆۋەتتە ئۇلار تور ئارقىلىق بۇيرۇتما قوبۇل قىلىپ، بۇيرۇتمىلارنى پۈتۈن خىتاي مىقياسىغا پوچتا ئارقىلىق سالىدىكەن. ساۋاقداشلىرى ئۇنىڭغا «ياڭاق تورت شاھزادىسى» دەپ نام بەرگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.