ياپونىيە ھۆكۈمىتى شى جىنپىڭنىڭ نەنجىڭ قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى سۆزىگە نارازىلىق بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2014.03.30


خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ گېرمانىيە سەپىرىدە سۆزلىگەن نۇقتىدا نەنجىڭ قىرغىنچىلىقىنى تىلغا ئېلىپ، «ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ 300 مىڭدىن ئارتۇق جۇڭگولۇقنى قىرغانلىقى ۋە جۇڭگولۇقلارنىڭ ھازىرمۇ بۇ زوراۋانلىقىنى ئەستە تۇتۇۋاتقانلىقى»نى تەكىتلىشى ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ نارازىلىقىغا دۇچ كەلدى.

ياپونىيەنىڭ جىجى ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيە ھۆكۈمىتى شى جىنپىڭنىڭ بۇ سۆزىگە دەرھال قارشى چىققان. ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى شەنبە كۈنى خىتاينىڭ ياپونىيەدىكى ئەلچىخانىسىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن. ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئىشخانا باشلىقى يوشىخىدە سۇگا «خىتاي رەھبىرىنىڭ ئۈچىنچى بىر دۆلەتتە ياپونىيە تارىخى ھەققىدە ئىنكاس بىلدۈرۈشى قەتئىي مۇۋاپىق ئەمەس» دېگەن.

ئۇ يەنە كونا ياپونىيەنىڭ نەنجىڭدە ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىق قىلمىشلىرىنى ئىنكار قىلمىسىمۇ، ئەمما ئۆلگۈچىلەرنىڭ سانى ھەققىدە ئوخشىمىغان قاراشلار مەۋجۇتلۇقى، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنى تېخى تولۇق بېكىتمىگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.

ب ب س نىڭ يېزىشىچە، شى جىنپىڭ بۇ سۆزىنى جۈمە كۈنى بېرلىندا، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانجېلېكا مېركېل بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا تەكىتلىگەن بولۇپ، ئۇ يەنە ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇرۇش جەرياندا 35 مىليون جۇڭگولۇقنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنىمۇ ئەسكەرتكەن.

ياپونىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدا سېنكاكو ئاراللىرى مەسىلىسى كۈچەيگەندىن بۇيان خىتايدا نەنجىڭ قىرغىنچىلىقىنى ئەسلەش ۋە ئۇنى خاتىرىلەش دائىملىق پائالىيەتلەرگە ئايلانماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.