ئامېرىكا: ھەربىي پارات ئارقىلىق ھەربىي ھازىرلىقىنى كۆز-كۆز قىلىش بىزنىڭ ئۇسلۇبىمىز ئەمەس

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2015-09-04
Share

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خىتاينىڭ 3‏-سېنتەبىر بېيجىڭدا ئۆتكۈزگەن ھەربىي پارات مۇراسىمىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، ھەربىي پارات ئارقىلىق ھەربىي تەييارلىقنى كۆز-كۆچ قىلىش«بىزنىڭ ئۇسلۇبىمىز ئەمەس» دەپ كۆرسەتتى.

خىتاي پەيشەنبە كۈنى 12 مىڭ ئەسكەر، 500 تانكا، برونېۋىك، باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە توپ، 500 ھەربىي ئايروپىلان قاتناشتۇرۇپ، ياپونغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلىگەن.

لېكىن ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى پېتىر كۇك پەيشەنبە كۈنلۈك ئاخبارات يىغىنىدا يەنە، «ئامېرىكا ئارمىيىسى دۇنيادىكى ئەڭ قۇدرەتلىك قوشۇن. بىزنىڭ ھەربىي پارات ئۆتكۈزۈپ، ئامېرىكىنىڭ ھەربىي كۈچىنى كۆرسىتىشكە ھېچقانداق ئېھتىياجىمىز يوق. بىراق بۇ، خىتاينىڭ يېڭى تىپلىق قوراللىرىنى تۇنجى قېتىم دۇنياغا نامايان قىلىشى ئەمەس» دېدى.

ئۇ، خىتاينىڭ 300 مىڭ ئەسكەر قىسقارتىش قارارىغا باھا بېرىپ، بۇ، خىتاينىڭ بۇرۇن دېگەن سۆزى بىلەن بىردەك، ئامېرىكا خىتاينىڭ ھەربىي زامانىۋىلىشىش تەرەققىياتىنى داۋاملىق كۆزىتىدۇ، دەپ كۆرسەتتى.

چەتئەل ئانالىزچىلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاينىڭ 3‏-سېنتەبىر ئۆتكۈزگەن ھەربىي پاراتى قويۇق مىلىتارىزملىق پۇراققا ئىگىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت