ياپونىيە باش ۋەزىرى 2 - دۇنيا ئۇرۇشىدىكى ياپون ئەسكەرلىرىنىڭ تۆھپىسىنى مەدھىيەلىگەن

مۇخبىرىمىز جۈمە
2014-08-27
Share

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې 2 - دۇنيا ئۇرۇشىدا ئۆلگەن ياپون خادىملىرىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا مەكتۇپ يوللاپ، ئۆلگەن ئەسكەرلەرنىڭ تۆھپىسىنى مەدھىيەلىگەن.

چارشەنبە كۈنى ياپونىيە ئىچكى كابىنېتى باش كاتىپى يوشىھىدې سۇگانىڭ مۇخبىرلارغا ئېيتىشىچە، شىنزو ئابې بۇ مەكتۇپنى بۇ يىل 4 - ئاينىڭ 29 - كۈنى توكيودىكى كوياسان ئىبادەتخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۈچۈن ئەۋەتكەن.

ئۇنىڭ مەزكۇر مەكتۇپى مۇراسىمغا قاتناشقان 220 نەپەر مۇراسىم ئەھلىگە ئوقۇپ ئۆتۈلگەن.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ نەقىل قىلىشىچە، شىنزو ئابې خېتىدە: «كەمىنە بۈگۈنكى ياپونىيەدىكى گۈللىنىش ۋە ئەمىنلىكنىڭ ئاساسىغا ئايلانغان روھلىرىنى قۇربان قىلغان قەھرىمانلىرىمىزغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمەن» دەپ يازغان.

ئۇ يەنە خېتىدە پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ مەڭگۈلۈك تىنچلىقتا بىرلىكتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

2 - دۇنيا ئۇرۇشىدا ئۆلگەن ياپون ھەربىيلىرىنى خاتىرىلەش ياپونىيە ۋە 2 - دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ياپونىيە بېسىۋالغان خىتاي قاتارلىق ئەللەردە سەزگۈر تېمىلارنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

مەلۇم بولۇشىچە، شىنزو ئابې ئۆتكەن يىلىمۇ بۇ خىل خاتىرىلەش مۇراسىمىغا يۇقىرىقى مەزمۇندا مەكتۇپ يوللىغان ئىكەن.

ياپونىيە باش ۋەزىرىنىڭ خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەر «ئۇرۇش جىنايەتچىلىرى» دەپ قارايدىغان بۇ بىر تۈركۈم ھەربىيلىرىگە ھېسداشلىق قىلىشى ئىلگىرىمۇ خىتاي ياپونىيە - مۇناسىۋەتلىرىنى بىر نەچچە قېتىم يىرىكلەشتۈرگەن ئىدى.

نۆۋەتتە خىتاينىڭ مەزكۇر مەكتۇپقا نىسبەتەن قانداق ئىنكاس قايتۇرغانلىقى مەلۇم ئەمەس.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت