ياپونىيە - فرانسىيە ھەربىي تېخنىكا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمگە ئىمزا قويغان

مۇخبىرىمىز جۈمە
2015.03.14


جۈمە كۈنى ياپونىيە - فرانسىيە ھەربىي ئۆسكىنە ۋە ھەربىي تېخنىكا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمگە ئىمزا قويغان. مەزكۇر كېلىشىم بويىچە ئىككى تەرەپ دۆلەت مۇداپىئەسىگە ئالاقىدار قوراللارنى بىرلىكتە تەرەققىي قىلدۇراليدىكەن.

جۈمە كۈنى ياپونىيە ۋە فرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئېلان قىلغان بىرلەشمە باياناتتا يۇقىرى كېلىشىمگە يۇقىرى باھا بەرگەن.

ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى فۇمىئو كىشىدا كېلىشىمنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىك ساھەسىدىكى ھەمكارلىشىش دەرىجىسىنى يەنە بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

فرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يۇقىرىقى كېلىشىمنىڭ ھەر ئىككى تەرەپ ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئىككى دۆلەت كەلگۈسىدە يەنە ھەربىي قوشۇنلىرى ئارىسىدىكى ئارقا سەپ ھەمكارلىقىنىمۇ كۈچەيتىشكە قاراپ قەدەم ئېلىشقىمۇ كېلىشكەن.

ياپونىيە ئۆتكەن ئىككى يىل جەريانىدا ئەنگلىيە ۋە ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن يۇقىرىقىغا ئوخشاش كېلىشىملەرنى ئىمزالىغان ۋە ئۆزىنىڭ چەتئەلگە ئەسكەر ئەۋەتىش ۋە قورال - ياراق ئېكسپورت قىلىش قەدىمىنى تېزلەتكەن ئىدى.

بۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.