ياپونىيە ۋاقتى: «توكيودىكى ئۇيغۇر رېستورانلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ يېتۈك تاماق مەدەنىيىتىنى نامايان قىلماقتا»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-03-04
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئىنگلىز تىلىدا چىقىدىغان «ياپونىيە ۋاقتى» گېزىتى 2‏-مارت كۈنى ماقالە ئېلان قىلىپ، توكيودىكى ئۇيغۇر رېستورانلىرىنى تونۇشتۇرغان.

«تاماق ئارقىلىق جەننەتنى تېپىش: توكيودىكى ئۇيغۇر رېستورانلىرى» سەرلەۋھىلىك ماقالىدە قەيت قىلىنىشىچە، توكيودىكى ئۇيغۇر رېستورانلىرى ئۇيغۇر رايونىدا دۇچ كېلىۋاتقان پۈتۈن مۈشكۈلاتلارغا قارىماي، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇشتا ئىجابىي رول ئوينىماقتا ئىكەن.

ماقالىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى 2018‏-يىلى 11‏-ئايدا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچراپ، خەلقئارانىڭ دىققەت نۇقتىسىغا ئايلانغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ يېتۈك تاماق مەدەنىيىتى يېتەرلىك دىققەتكە سازاۋەر بولالمىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

ماقالىدە، توكيونىڭ شىنجۇكۇ رايونىدىكى «تارىم يىپەك يولى رېستورانى»، تاكادانوبابا رايونىدىكى «ئۈرۈمچى رېستورانى» ۋە سۇگامو رايونىدىكى «رەيھان رېستورانى» تونۇشتۇرۇلغان.

ماقالىدە قەيت قىلىنىشىچە، مانتا، لەڭمەن، توخۇ قوردىقى قاتارلىقلار بۇ رېستورانلارنىڭ بازىرى ئەڭ ئىتتىك تاماقلىرىكەن. خەۋەردە يەنە «تارىم يىپەك يولى رېستورانى» نىڭ خوجايىنى سىراجىدىن كېرىمنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇ توكيودا ياپونلار بىلەن ئۇيغۇرلار مەخسۇس مەدەنىيەت ئالماشتۇرىدىغان بىرەر ئورۇن يوقلۇقى، ھالبۇكى ئۇنىڭ رېستورانى بۇ رولنى ئويناۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

«رەيھان رېستورانى» نىڭ خوجايىنى رەيھانگۈل ئالىمنىڭ «ياپونىيە ۋاقتى» گېزىتىگە بىلدۈرۈشىچە، ئۇ 2003‏-يىلى يولدىشىنى يوقلاپ ياپونىيەگە كەلگەندىلا رېستوران ئېچىشنى كۆڭلىگە پۈككەن ئىكەن.

ئۇ: «مەن شۇ چاغدا ياپونىيەلىك دوستلارغا تاماق ئېتىپ بەرسەم ئۇلار تاماقنىڭ شۇنچىلىك تەملىك، ئۇيغۇر تامىقىنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى تەرىپلەيتتى. مەن شۇ چاغدىلا ئەگەر ياپونىيەدە تۇرۇپ قالسام رېستوران ئېچىشنى قارار قىلغان ئىدىم» دېگەن. ماقالىنىڭ ئاخىرىدا قەيت قىلىنىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ «شىنجاڭدا ئۇچراۋاتقان پۈتۈن مۈشكۈلاتلىرىغا قارىماي، توكيودىكى ئۇيغۇر رېستورانلىرى يەنىلا ھەر قايسى خەلقلەرگە ئۆزلىرىنىڭ يېتۈك تاماق مەدەنىيىتى ۋە مېھماندوستلۇقىنى سۇنماقتا» ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت