ياپونىيە تەيۋەن بېلىقچىلىرىنىڭ سېنكاكۇدا بېلىق تۇتۇشىغا قوشۇلدى
2013.04.10
ياپونىيە تەيۋەن بېلىقچىلىرىنىڭ ياپونىيە ئىگىدارچىلىقىدىكى سۇ تەۋەلىكىدە بېلىق تۇتۇشىغا قوشۇلدى ۋە تەيۋەن بىلەن شۇ مەزمۇندا بىر توختام تۈزدى. بۇ خىتاينىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى.
چارشەنبە كۈنى تۈزۈلگەن بۇ توختامدا خىتايمۇ ئۆزىنىڭ، دەپ تالىشىپ كېلىۋاتقان سېنكاكۇ سۇ تەۋەلىكىدە تەيۋەن بېلىقچىلىرىنىڭ بېلىق تۇتۇشىغا يول قويۇلىدىكەن.
بۇ تەيۋەن دائىرىلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن بولسا، خىتاينىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى بۈگۈنكى باياناتىدا ياپونىيەنىڭ «بىر جۇڭگو» سىياسىتىنى ھۆرمەت قىلىپ، تەيۋەن بىلەن بولغان دىپلوماتىيە مۇناسىۋەتلىرىدە ئېھتىياتچان بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
خىتاي باياناتچى خوڭ لېي مۇنداق دېدى: تەيۋەننىڭ دىپلوماتىيە ئالاقىلىرىدىكى مەيدانىمىز ئېنىق ۋە روشەن. بىز بۇ نۆۋەت تۈزۈلگەن توختامغا يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتىمىز.
سېنكاكۇ ئاراللار گۇرۇپپىسىنى خىتايلار «دياۋيۈ ئارىلى» دەپ ئاتايدۇ.
ئۆتكەن يىلى توكيو شەھىرى سېنكاكۇ ئارىلىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقنى شەخسىيلەرنىڭ قولىدىن ئۆتكۈزۈۋالغاندىن كېيىن، ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى ئارال ماجىراسى تېخىمۇ كەسكىنلەشكەن ئىدى.









