ئەرفىيە ئېرى ياپونىيە سىياسى ساھەسىگە يۈرۈش قىلغان تۇنجى ئۇيغۇر بولۇپ قالدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2022.06.02
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

يېقىنقى يىللاردا مۇھاجىرەتتە تۇغۇلۇپ چوڭ بولۇۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ھەر ساھەدە قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئوخشىمىغان شەكىللەردە ئەكس ئېتىۋاتقان بولۇپ، ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر قىزى ئەرفىيە ئېرى (Eri Arfiya ) ئۆزىنى سىياسىي ساھەدە سىناپ باقماقچى بولۇۋاتقان ياشلارنىڭ بىرىدۇر.

1988-يىلى ياپونىيەنىڭ فۇكۇكا ناھىيىسىدە تۇغۇلغان ئەرفىيە ئېرى كىچىكىدىن ياپونىيە مائارىپىدا تەربىيە ئالغانلىقىغا قارىماستىن ئۇيغۇرچە، خىتايچە ۋە ئېنگلىزچە تىللارنى ياخشى ئۆگەنگەن. كېيىنچە ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى جورجى تاۋن ئۇنىۋېرسىتېتىدا خەلقئارا مۇناسىۋەت ۋە خەلقئارا سىياسەت كەسپى بويىچە ئوقۇغان. بۇ جەرياندا تۈرلۈك ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى ۋە پۇقراۋىي جەمئىيەتلەردە ئۆزىنىڭ تەشكىللەش قابىلىيىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، تۈرلۈك مەسئۇل ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالغان. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۇ ۋاشىنگتوندىكى خەلقائارا سىياسەت تەتقىقات مەركىزى، دۇنيا بانكىسى، ياپونىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنى قاتارلىق جايلاردا ئىشلىگەن ئىكەن.

يېقىندا ئۇ ياپونىيە پارلامېنتىدا سېناتورلۇق ئورنى ئۈچۈن بولىدىغان سايلام پائاليىتىگە قاتنىشىدىغانلىقىنى جاكارلاپ، ھەر ساھە زاتلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن. شۇنداقلا بۇ ساھەگە قەدەم تاشلىغان تۇنجى ئۇيغۇر بولۇپ قالغان.

ئۇنىڭ تىۋېتتېر بېتىگە چاپلانغان ئۇچۇرلاردا ئېيتىلىشىچە، ئەرفىيە ئېرى ب د ت دىكى خىزمىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ياپونىيەگە قايتىپ كەلگەن ھەمدە ياپونىيەدىكى ئەڭ ئاساسلىق پارتىيەلەردىن بولغان ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسى ساھىبخانلىق قىلغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئۆزىنىڭ بۇ قېتىملىق سېناتورلۇق سايلىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ قىسقا نۇتۇقىدا ئائىلە كەچۈرمىشلىرىگە بىرلەشتۈرگەن ھالدا ئۆزىنىڭ ياپونىيە ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئارزۇسىنىڭ تۈرتكىسدە بۇ قارارغا كەلگەنلىكىنى تەكىلىگەن. ئۇ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «مەن بىر ياپونىيەلىك ئۇيغۇر. خەلقئارادا ھازىر ياپونىيەگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئايال تەنھەركەتچىلەر، ياپونىيەگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ياشلار ئانچە كۆپ ئەمەس. مەن مۇشۇ بوشلۇقنى ئازراق بولسىمۇ تولدۇرۇشقا ئۆزۈمنى ئاتىماقچىمەن،» دېگەن.

ئۇنىڭ بۇ قېتىملىق سايلام رىقابىتىگە قاتنىشىدىغانلىقى مەلۇم بولغاندىن كېيىن، ھەر ساھەدىكى كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ئىشەنچىنى، شۇنىڭدەك تەڭسىز مۇئامىلىگە ئۇچراۋاتقان بىر مىللەتنىڭ پەرزەنتىدىكى بۇ خىل شىجائەتنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئۇچۇر يوللىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر قىزى ئىنتى ئىلھام (Inty Elham) مۇ ئۆتكەن يىللاردىن باشلاپ ئاۋسترالىيە سىياسىي ساھەسىگە يۈرۈش قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ تىرىشچانلىقلارنىڭ قانداق نەتىجە بېرىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلاردىكى بۇ جۈرئەت ئۇيغۇر مىللىي روھىنىڭ ئۆلمەيدىغانلىقىنىڭ سىمۋولى، دەپ قارالماقتا ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.