ياپونىيە پارلامېنتىنىڭ بىر گۇرۇپپىسى بېيجىڭنى زىيارەت قىلماقچى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2014-05-04
Share


ياپونىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ بارغانسېرى سوغۇقلىشىپ كېتىشىگە ئەگىشىپ، ياپونىيە سىياسەت قاتلىمىدىكى بىر قىسىم خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئىللىقلاشتۇرۇش تەرەپدارلىرى ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى پائالىيەتلىرىنى باشلىۋەتكەن. رويتېرسىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيە پارلامېنتىدىك ھەر قايسى پارتىيىلەردىن كېلىپ چىققان 9 كىشىلىك بىر پارلامېنت ۋەكىللەر ئۆمىكى تەشكىللەپ، دۈشەنبە كۈنى بېيجىڭنى زىيارەت قىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى ياخشىلاش ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بارىدىكەن.

ئەن’ گلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، بۇ ئۆمەك ئەزالىرى سابىق خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تاڭ جۇئاشيەن قاتارلىقلار بىلەن كۆرىشىدىكەن.

ئانالىزلاردا ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابىنىڭ ياسۇكىنىنى زىيارەت قىلىشى ھەمدە سېنكاكو ئاراللىرى مەسىلىسىدىكى قەتئىي مەيدانى شۇنىڭدەك ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوبامانىڭ ياپونىيە زىيارىتى خىتاينى بىئارام قىلغانلىقى كۆرسىتىلگەن ئىدى.

ياپونىيە«ن ھ ك» تېلېۋىزىيەسى مەزكۇر پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەنمۇ كۆرۈشىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقى شۇنىڭدەك شى جىپىڭ بىلەن شىنزو ئابىنى ئۇچراشتۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت